ئامېرىكادىكى «ئىنتېرسېپت» ناملىق ئاخبارات ئورنى خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر ساقچى ساندانى «سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» نى ئاشكارىلاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق نازارەت قىلىدىغانلىقى ۋە باستۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم خەلقئارالىق غۇلغۇلا قوزغىدى.
مەزكۇر ئاخبارات ئورنى 29-يانۋار ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتى 52 گېگابايىتقا يېتىدىغانلىقى، ئۇنىڭ 250 مىليون قۇرغا يېقىن سانلىق مەلۇماتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر ساقچى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى تېخىمۇ كونكىرېت ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى خىتاينىڭ «تور تازىلاش قاراۋۇلى» ناملىق يانفون ھۆججەتلىرىنى نازارەت قىلىش يۇمتالى يىغقان ئۇچۇرلارنى، مەھەللە مۇقىملىق يىغىنلىرىنىڭ خاتىرىسىنى، ھەر خىل مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى، ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى، تەكشۈرۈلگەن يەرلىك ئەسلىھەلەر، جەمئىيەتتىكى گۇمانلىق كىشىلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىكەن. ئۇنىڭ يانفون تەكشۈرۈشى ھەققىدىدىكى سانلىق مەلۇماتىدا، ئۈرۈمچىدە 23 ئاي ئىچىدە 11 مىليونغا يېقىن قىسقا ئۇچۇر، 11 مىليون 800 مىڭ تېلېفون خاتىرە ئۇچۇرىنى توپلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، بۇ سانلىق مەلۇماتتا يەنە خىتاي دائىلىرىنىڭ 2018-يىلى 3-ئايدا ئۈرۈمچىنىڭ 30 مىڭ نۇپۇسلۇق چىداۋان رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان 4 ھەپتىلىك يانفون تەكشۈرۈشىمۇ تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن.
ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ مەزكۇر ساقچى سانلىق مەلۇماتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزگەنلىكىنى رەت قىلىپ، خەلقئارادا كەڭ تەشۋىقات ھۇجۇمى باشلىغان مەزگىلدە ئاشكارلاندى. «ئىنتېرسېپت» نىڭ دوكلاتىدا تەكىتلىشىچە، بۇ سانلىق مەلۇمات خىتاينىڭ پۇقرالارنى نازارەت قىلغانلىقى، لاگېرلارنى قۇرغانلىقى، بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاستۇرغانلىقى، قەبرىستانلىقلارنى بۇزغانلىقى، ئۇيغۇر نۇپۇسىنى سىستېمىلىق كونترول قىلغانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىدىكەن.