خىتايدا ياسالغان زور مىقداردىكى ساختا پراۋا ئامېرىكىغا كىرگەن

ئامېرىكا سودا تېلېۋىزىيىسى ۋە رادىئو تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدا ياسالغان زور مىقداردىكى ساختا ئامېرىكا پراۋىسى يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىغا كىرىشكە باشلىغان.

بۇ ساختا پىراۋىلارنىڭ ياسىلىش تېخنىكىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ راست پىراۋىلىرى بىلەن پەرقلەندۈرگۈسىز دەرىجىگە يەتكەنلىكى مەلۇم.

ئامېرىكا تاموژنىسى ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئەمەلدارىنىڭ مۇخبىرغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار سېنتەبىردىن بۇيان خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئامېرىكىغا ئەۋەتىلگەن زور مىقداردىكى ساختا پراۋىنى تەكشۈرگەن. ئۇلار خىتايدىن ئەۋەتىلگەن ساختا پراۋا مىقدارىنىڭ نەچچە يۈز يەشىككە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ياسالغان بۇ ساختا ئامېرىكا پىراۋىلىرىنىڭ قاراڭغۇ بازاردا سېتىلىش باھاسى تەخمىنەن 150 دوللار بولۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكى مەلۇم.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ساختا پراۋىلار چاي يەشىكى بىلەن زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى ئارىسىغا يوشۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە بىر تۈركۈم مال تاپشۇرۇۋالغۇچىلار ئامېرىكىدىكى ئوخشاش بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان 20 نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچى ئىكەن.