خىتاي ھۆكۈمىتى ساختا تىۋىتتېر ھېساباتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى «ئوۋلىماقچى» بولغان
2022.04.26
يېقىندا ئامېرىكا تەۋەسىدىكى نايسوس (Nisos) ئىستىخبارات شىركىتى تىۋېتتېر (Twitter) دا ئاز دېگەندىمۇ 600 دىن كۆپرەك ساختا ھېساباتنىڭ ئېچىلغانلىقىنى، بۇ ھېساباتلارنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارىدىكى «باياشاتلىق»، «خاتىرجەملىك» ۋە «ئىناق جەمئىيەت» ھەققىدىكى تەشۋىقات ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بايقىغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىق (AP) نىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى تارقىتىلغان ئايلىق دوكلاتتا نايسوس شىركىتى تىۋىتتېردىكى 648 ساختا ھېساباتنى تەپتىش قىلىپ چىققان بولۇپ، بۇلار «شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك»، «كىشىلىك ھوقۇق» دېگەندەك تېمىلار بويىچە نەچچە مىڭ ئۇچۇر يوللىغان. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشكەنلىكىدەك سۈرەت ۋە ۋىدىيولارنى يوللاپ ئۇيغۇر دىيارىدا ھېچقانداق زۇلۇم مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئالغا سۈرگەن. يەنە كېلىپ بۇ ئۇچۇرلار ئاساسلىقى تىۋېتتېردىكى چەتئەللىك كىشىلەرنى «ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن تەربىيەلەش» نى مەقسەت قىلغانىكەن.
گەرچە دوكلاتتا بۇ ساختا ھېساباتلارنىڭ ئارقىسىدا كىمنىڭ بارلىقى ئېنىق ئېيتىلمىغان بولسىمۇ بۇ ئۇچۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاينىڭ نورمال خىزمەت ۋاقتىغا توغرا كېلىدىغان ۋاقىتلاردا يوللانغان ئىكەن. يەنە كېلىپ بۇ ھېساباتلارنىڭ كۆپ قىسمى 2021-يىلى ئاۋغۇستتىن كېيىن ئېچىلغان بولۇپ، باش سۈرىتىگە ھەرقاچان تورلاردىكى سۈرەتلەر ئىشلىتىلگەن. بۇ ساختا ھېساباتلار ھەرقاچان چوڭ-چوڭ خىتاي كاتتىۋاشلارنىڭ ۋە دىپلوماتلارنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئېلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ «ھەقىقەت» ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىشقا ئۇرۇنىدىكەن. مۇشۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن كىشىلەر بۇ ھېساباتلارنىڭ ئارقىسىدىكى «قوماندان» نى خىتاي ھۆكۈمىتى، دەپ قارىماقتىكەن. ئەمما بۇ ساختا ھېساباتلارنىڭ كۆپ قىسمى تىۋىتتېر شىركىتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش تۈپەيلىدىن تاقىۋېتىلگەنىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ تۇنجى قېتىملىق ئەھۋالمۇ ئەمەس ئىكەن. 2021-يىلى ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە ئىككى مىڭدىن كۆپرەك ساختا تىۋېتتېر ھېسابى مەخسۇس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسەتلىرىنى مەدھىيەلەش ئۈچۈن ئېچىلغان ئىكەن. ئۇلار مەخسۇس غەربكە قارشى مەزمۇندىكى پىكىرلەرنى ۋە ئۇچۇرلارنى يوللاش بىلەن مەشغۇل بولغان.
25-ئاپرېل كۈنى «تېسلا» (Tesla) شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئېلان ماسك (Elon Musk) ئاخبارات ساھەسىگە تىۋىتتېر شىركىتىنى 44 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋېلىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تىۋىتتېردا يامراشقا باشلىغان ساختىلىق ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇش قىلمىشلىرىغا خاتىمە بېرىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.