«ساياھەتچى» قىياپىتىگە كىرىۋالغان خىتاي جاسۇس گۇماندارلىرى ئالياسكادىكى ھەربىي بازىغا كىرمەكچى بولغان
2023.06.01
«ئامېرىكادا بۈگۈن» (USA TODAY) ناملىق خەۋەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «ساياھەتچى» قىياپىتىگە كىرىۋالغان خىتاي جاسۇس گۇماندارلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئالياسكا شىتاتىغا جايلاشقان سەزگۈر ھەربىي بازىلارغا سۇقۇنۇپ كىرىش قىلمىشلىرى بىر قانچە قېتىم يۈز بەرگەن.
بىر قىسىم ھەربىي ئەمەلدارلار ۋە ھەربىيلەرنىڭ بۇ خەۋەر ئورگىنىغا بىلدۈرۈشىچە، شۇنداق ۋەقەلەرنىڭ بىرىدە خىتاي پۇقرالىرى ئاپتوموبىل بىلەن ئالياسكانىڭ فەيربەنكىس (Fairbanks) رايونىدىكى فورت ۋېينرايت (Fort Wainwright) ھەربىي بازىسىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئۆتۈپ كەتكەن. ئاپتوموبىل ئاخىرى توختىتىلىپ ئاختۇرۇلغاندا، ئاپتوموبىل ئىچىدىن ئادەمسىز ئۇچقۇ (درون) تېپىلغان. ئاپتوموبىلدىكى خىتايلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ ساياھەت قىلىۋېتىپ ئېزىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئارمىيە ئىچىدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنداق ئېزىپ قالىدىغان ئىشلار بەزىدە يۈز بەرسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۇ ۋەقەنى ئامېرىكانىڭ ئالياسكادىكى ھەربىي ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش ئۇرۇنۇشى، دەپ قارايدىكەن. بۇ ھەربىي مەخپىيەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ۋەقە ھەققىدىكى باشقا تەپسىلاتلار ئۈستىدە توختالمىغان.
ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: «ئالياسكا شىتاتىدا ساياھەتچىدەك كۆرۈنگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساياھەتچى ئەمەس، ئۇلار ئەمەلىيەتتە چەت ئەل جاسۇسى.»
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇنداق «ساياھەتچى» قىياپىتىدىكى كىشىلەر بارغان جايلىرىغا سەزگۈر ئۇچۇرلارنى ئالالايدىغان سېنزورلارنى قالدۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن ئىكەن. خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى «ئامېرىكادا بۈگۈن» خەۋەر تورىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرمىگەن.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفىر ۋراي يېقىندا قىلغان بىر سۆزىدە، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ھەر 12 سائەتتە بىر قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىدىكى جاسۇسلۇق ۋەقەسى دېلوسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
2019-يىلى ئامېرىكانىڭ فىلورىدا شىتاتىدا دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيە پونكىتى بولغان كىي ۋېست (Key West) رايونىنى قانۇنسىز سۈرەتكە تارتقان بىر خىتاي ئوقۇغۇچى بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئەينى چاغدا بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئادۋوكاتى ئۇنىڭ «ئېزىپ قالغان ساياھەتچى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ كامېراسىدا ۋە تېلېفونىدا پەقەتلا ئايرودرومنىڭ سۈرىتى تارتىلغان ئىكەن. شۇنداقلا بۇ ئورۇننىڭ ساياھەت نۇقتىسى ئەمەس، بەلكى ئامېرىكانىڭ F-35 ئۇچقۇچىلىرى مەشىق قىلىدىغان دېڭىز ئارمىيە بازىسى ئىكەنلىكى ئېنىق يېزىلغان ئىكەن.