سايراگۈلنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان

ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىلىۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرىدا خىتاي تىلىدىن دەرس ئۆتكەن، كېيىن قازاقىستانغا قېچىپ چىققان سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.

«ئازادلىق رادىئوسى» 5-ئۆكتەبىر بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلغان. خەۋەردە سايراگۈلنىڭ ئادۋوكاتى ئابزال كۇسپانوفنىڭ «فىرانسىيە ئاگېنتلىقى» غا قىلغان سۆزى نەقىل ئېلىنغان. ئۇ سۆزىدە قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى «پەۋقۇلئاددە يېقىن» مۇناسىۋىتىگە قاراپلا كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىن بۇنداق نەتىجىنىڭ چىقىشىنى تەخمىن قىلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە بۇ قارارغا نارازىلىق ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

بۇ يىل ئاپرېلدا ئېچىلغان سوتتا سايراگۈل ساۋۇتباي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دا ئۇچراۋاتقان «مېڭە يۇيۇش» ھەرىكىتىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. بۇ يىل ئاۋغۇستقا كەلگەندە قازاقىستان سوتى ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈم ئېلان قىلغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر قازاقىستان سوتى تەرىپىدىن ئاللىقاچان بىگۇناھ دەپ قويۇپ بېرىلىپ بولغان سايراگۈلنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنىشىنى خىتاينىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتكەنلىكىدىن بولغان دەپ تەخمىن قىلماقتا.