خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، 4-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «جاسۇر ئاياللار» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن موڭغولكۈرەلىك قازاق قىزى، لاگېر شاھىتى سايراگۈل سائۇتبايغا ھۇجۇم قىلغان. سايراگۈل سائۇتباي ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىللىق «جاسۇر ئاياللار مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلۈپ، 2019-يىلىدىكى 10 دۇنياۋى جەسۇر ئايالنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغان. 4-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو تەقدىم قىلغان. ئۇ: «سايراگۈل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارغا نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە تۇنجى بولۇپ گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ بىرىدۇر» دېگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 6-مارت بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، سايراگۈل سائۇتباينىڭ چېگرىدىن قانۇنسىز ئۆتكەن قاچقۇن ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ قەرز ئالدامچىلىقى بارلىقى، ئۇنى ھېچقاچان لاگېردا تۇرۇپ باقمىغانلىقى، ئۇنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى سۆزىنىڭ بۆھتان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە ئامېرىكا سايراگۈل سائۇتباينى مۇكاپاتلاپ، «ئۇنىڭ جىنايى قىلمىشىنى رىغبەتلەندۈرگەن.»
سايراگۈل سائۇتباي ئىلگىرى خىتاينىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەئىسىدىكى بىر جازا لاگېرىدا يېتەكچى بولغان. ئۇ، 2018-يىلى قازاقىستاندىكى ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن قازاقىستان چېگراسىدىن قانۇنسىز ئۆتۈپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتىدىن پاناھلىق تىلىگەن. لېكىن، ئۇنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان. بۇ جەرياندا ئۇ لاگېردا يۈز بەرگەن قورقۇنچلۇق كەمسىتىش ۋە خورلاش قىلمىشلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلاپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان. ئۇنىڭ شاھىتلىقى دۇنيانىڭ دىققىتىنىڭ لاگېرلارغا بۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. شۋېتسىيە ئۆتكەن يىلى سايراگۈل سائۇتبايغا پاناھلىق بېرىپ، ئۇنى ئائىلىسى بىلەن شۋېتسىيەگە ئېلىپ كەلگەنىدى.