خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە سەدەپ قۇلۇلىسى يېتىشتۈرۈپ مەرۋايىت ئىشلەپچىقىرىشىنى باشلىغان
2024.11.22
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزىلاردا يەرلىك مۇھىتقا ماس كەلمەيدىغان مەھسۇلاتلارنى يېتىشتۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
خىتاينىڭ «شىنخۇا تورى» 22-نويابىر كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا سالمون بېلىقى، قىسقۇچپاقا، تۈكلۈك قىسقۇچپاقا، راك ۋە سەدەپ قۇلۇلىسى يېتىشتۈرۈلىدىغان باقمىچىلىق مەيدانلىرى قۇرۇلۇپ مول ھوسۇل ئېلىنغانلىقى ۋە پۈتكۈل خىتايدىكى كۆپ خىل سۇ مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى مەيدانلىرىدا يېتىشتۈرۈلۈۋاتقان سەدەپ قۇلۇلىلىرىدىن دەسلەپكى قەدەمدە سۈپەتلىك مەرۋايىت ئېلىنغان بولۇپ، پات يېقىندا كىشىلەر ئۇنىڭدىن ياسالغان زىبۇ-زىننەتلەرنى سېتىۋالىدىكەن. بۇ مەرۋايىتلار تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان چەرچەن ناھىيەسىدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق مەيدانىدا يېتىشتۈرۈلگەن سەدەپلەردىن يىغىۋېلىنغان بولۇپ، كېلەر يىلىدىن باشلاپ بازارغا سېلىنىدىكەن.
«شىنخۇا تورى» خەۋىرىدە، «مەرۋايىت يېتىشتۈرۈش شىنجاڭنىڭ باقمىچىلىق كەسپىدىكى ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەش، قۇملۇقتىكى نوپۇسنىڭ ئاز بولۇشى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە قارىغاندا سانائەت بۇلغىنىشىدىن يىراق بولۇشىدەك سەۋەبلەر ئەلا سۈپەتلىك سۇ مەھسۇلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك مۇھىت بىلەن تەمىنلەيدۇ» دەپ بايان قىلغان.
تۇز-ئىشقار باقمىچىلىقى دەپ ئاتىلىدىغان، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قۇرغاق ھاۋاسىدا دېڭىز مۇھىتى تەقلىد قىلىنغان باقمىچىلىق بازىلىرىنى قۇرۇش خىتاي ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە قوللاۋاتقان ۋە خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ تەتقىقات بۆلۈملىرى بىۋاسىتە قوللاۋاتقان تۈر ئىكەن.
نۆۋەتتە، خىتاي سۇ مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرىنىڭ تەكلىماكاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى سۇ كەمچىل جايلارغا باقمىچىلىق مەيدانلىرى قۇرۇشى شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، يەرلىك جانلىق تۈرلىرىنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.
يەرلىك دېھقانچىلىق ئورگانلىرىدىن نەقىل ئېلىنغان رەقەمدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە 2023-يىلى 184 مىڭ توننا سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، مەھسۇلات قىممىتى 3 مىليارد 860 مىليون يۈەن (تەخمىنەن 537 مىليون دوللار) بولغان. 2025-يىلغا بارغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پۈتكۈل بېلىقچىلىق سانائەت زەنجىرىنىڭ تەخمىنەن 20 مىليارد يۈەن مەھسۇلات قىممىتى يارىتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.
«شىنخۇا تورى» نىڭ يۇقىرىدىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى ساھەسىنىڭ 14 مىڭغا يېقىن ئادەمنى خىزمەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
ھالبۇكى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق ساھەسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئىشلىتىلىۋاتقان ساھە ئىكەنلىكى ئامېرىكادىكى مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ دوكلاتلىرىدا قەيت قىلىنغانىدى.