ياپونىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىيە ۋەزىرى سېنكاكو ئارىلى مەسىلىسىدە كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.09.16
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىيە ۋەزىرى نوبۇئو كىشى خىتاي تالىشىۋاتقان سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسدە كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈپ: «سېكاكۇ ئارىلى شەك-شۈبھىسىزكى ياپونىيەنىڭ زېمىنى، ياپونىيە ئۇنى قەتئىي قوغدايدۇ،» دېگەن. ئۇ يەىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا: «ياپونىيە سېنكاكو ئارىلىغا خىتايدىن كېلىدىغان ھەرقانداق تەھدىتكە لايىقىدا، ھەتتا زۆرۈر تېپىلسا ئاشۇرۇپ جاۋاب قايتۇرىدۇ،» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىيە ۋەزىرى بۇ سۆزلەرنى CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دېگەن.

نوبۇئو كىشى يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «بىز خىتاينىڭ سېنكاكۇ ئارىلى ۋە شەرقىي دېڭىزنىڭ باشقا جايلىرىغا قاراتقان ھەرىكەتلىرىگە قارشى شۇنى ئىسپاتلىشىمىز كېرەككى، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيە دېڭىز قىرغىقىنى خىتاينىڭكىدىنمۇ كۆپ مۇھاپىزەت پاراخوتى بىلەن قەتئىي قوغدايدۇ. ياپونىيە بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا سېنكاكۇ ئارىلىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق زېمىن تالاش-تارتىشى يوق.»

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىيە ۋەزىرى نوبۇئو كىشى تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختىلىپ: «تەيۋەندە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ياپونىيە بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ياپونىيە ئىشلىتىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ 90 پىرسەنتى تەيۋەن ئەتراپىدىكى رايونلاردىن ئىمپورت قىلىنىدۇ. بۇ ئەسلىدە توكيو ئازايتىشقا تېگىشلىك بىر يوچۇق. تەيۋەندە يۈز بەرگۈسى ئىشلار ياپونىيەگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ياپونىيە ئۇ يەردىكى ئەھۋاللارغا زۆرۈر ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك،» دېگەن.

CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيە نۆۋەتتە دۆلەت مۇداپىيە قىسىملىرىنى كېڭەيتىپ، F-35 كۈرەشچى ئايروپىلانىنى كۆپەيتكەن، ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئاۋىياماتكىغا ئۆزگەرتكەن، يېڭى قوغلىغۇچى پاراخوت، سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان پاراخوتلارنى ياساۋاتقان ئىكەن. ياپونىيە يەنە تەيۋەن مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈنمۇ غەربىي جەنۇب رايونلىرىغا ئەسكەر ۋە ھەربىي ئەسلىھە يۆتكەشنى كۈچەيتمەكتىكەن.

نوبۇئو كىشى ياپونىيەنىڭ بۇ تەدبىرلىرىنى «بۇ بىزنىڭ ياپونىيە زېمىنىنىڭ غەربىي جەنۇب رايونىنى قوغداشتىكى كۈچلۈك ئىرادىمىزنى نامايان قىلىش ئۈچۈندۇر،» دېگەن.

يېقىندىن بۇيان ياپونىيەنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدىكى زومىگەرلىكىگە قارشى پوزىتىيەسىنى چىڭىـتقان بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىدە يوشۇرۇن تىركىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. ياپونىيە دۆلەت مۇداپىيە ۋەزىرىنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.