سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە مىللەت سۈپىتى بىلەن «تراگېدىيەلىك تاللاش»قا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا


سېرىق ئۇيغۇرلار ياكى يۇغۇرلار خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى سۇنەن سېرىق ئۇيغۇر ئاپتونوم ناھىيەسىدە ياشاپ كېلىۋاتقان چارۋىچى خەلق بولۇپ، تارىخچىلار ئۇلارنى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ۋە گەنجو ئۇيغۇر خانلىقىدىن قەپ قالغان قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى، دەپ قارايدۇ.

«نيو-يورك ۋاقىت گېزىتى» ئالدىنقى كۈنى سېرىق ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى تراگېدىيەلىك قىسمىتى ھەققىدە ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتايدىكى قەدىمىي مەدەنىيەتكە ئىگە سانى ئاز بىر خەلقنىڭ تىل، مەدەنىيەت ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق جەھەتتىن يوقىلىش گىردابىغا قاراپ ماڭغانلىقى بايان قىلىنغان.

مەلۇمكى، سېرىق ئۇيغۇرلار گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن چىليەن تاغلىرى بىلەن خېشى كارىدورى ئارىلىقىدا قەپ قالغان قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ قالدۇقلىرى بولۇپ، ئۇلار 16-ئەسىردىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدىن شەرققە قاچقان بۇددىست ئۇيغۇرلار بىلەن قوشۇلۇپ ھازىرقى سېرىق ئۇيغۇرلارنى شەكىللەندۈرگەن.

سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي نوپۇسى 13 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلار تىل پەرقى سەۋەبىدىن شەرقىي سېرىق ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي سېرىق ئۇيغۇرلار دەپ ئىككىگە ئايرىلغان. شەرقىي سېرىق ئۇيغۇرلار موڭغول تىلىنىڭ ئېنگار دىئالېكتىدە، غەربىي سېرىق ئۇيغۇرلار قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىدىكەن. ئۇلار دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىن تىبەت بۇددىزىمىغا ئېتىقاد قىلدىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سېرىق ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت ۋە قان-قېرىنداشلىق جەھەتتىكى باغلىنىشلىرى كۆپلىگەن تەتىقاتچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىماقتىكەن.