سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى ب د ت نىڭ «نومۇسسىزلار تىزىملىكى» گە قوشۇش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ھەر يىلى ئۆسمۈر بالىلارغا زورلۇق كۈچى ئىشلەتكەن دۆلەتلەر ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلاردىن «نومۇسسىزلار تىزىملىكى» تۇرغۇزىدىغان بولۇپ، باش كاتىپ ئانتونيو گۇتېرس يېقىندا بۇ تىزىملىكنى ئېلان قىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تىزىملىك ب د ت نىڭ ئۆسمۈرلەرنى قوغداشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك قوراللىرىدىن بىرى بولۇپ، «نومۇسسىز» دۆلەتلەرنى دۇنياغا جاكارلاش ئارقىلىق ئۇلارنى خەلقى ئالەمگە شەرمەندە قىلىدىكەن.

ئالان روك ئىمزاسىدا 9-ئىيۇن كۈنى «ئەل جەزىرە» تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى 2019-يىللىق «نومۇسسىزلار تىزىملىكى» گە قوشۇشنى چاقىرىق قىلغان. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يەمەندىكى مىڭلىغان بىگۇناھ نارەسىدىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە بىۋاسىتە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى جانلىق مىساللار ئارقىلىق بايان قىلغان.

دەل مۇشۇ مەزگىللەردە سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالمان ئۆزلىرىنىڭ بىر مىليون روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا ئىقامەت بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا غەرب دۇنياسى خىتاينى قاتتىق ئەيىبلەۋاتقاندا مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى بايراقدار دۆلەتلەردىن بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىزچىل بۇ مەسىلىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «ئەسەبىيلىككە ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى» نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن.