سەئۇدى ئەرەبىستان، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ۋەزىپە ئېلىشنى رەت قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013-10-18
Share

ب د ت نىڭ بۇ قېتىملىق ئومۇمى يىغىنىدا، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزالىقىغا يېڭىدىن سايلانغان 5 ئەزا دۆلەتتىن بىر بولغان سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ۋەزىپە ئېلىشنى رەت قىلدى ۋە رەت قىلىش سەۋەبىنى كېڭەشنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايۋاتقانلىقىنى دەپ كۆرسىتىلدى.

خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلمىغۇچە ۋەزىپە ئۆتەشنى رەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن سەئۇدى ئەرەبىستان باياناتىدا: خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى ۋە پرىنسىپى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قوش ئۆلچەملىرى دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا توسالغۇ بولماقتا، دېيىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى قىرغىن قىلىۋاتقان سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە خىمىيىۋى قوراللىرىنى يىغىۋېلىشتىن باشقا ھازىرغا قەدەر ئۈنۈملۈك بىر تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىغا پاكىت قىلىپ كۆرسىتىلدى. سەئۇدى ئەرەبىستان سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىسيانچىلارنى قوللاپ كەلمەكتە؛ خىتاي بىلەن رۇسىيە بولسا بەشار ئەسەد ھۆكۈمىتىنى قوغداپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت