فرانسىيەدىكى چارلىي خابدۇ كارتون ۋەقەسى ۋە پەلەستىندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى ھەققىدە ئەڭ كۈچلۈك پىكىر بايان قىلغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن پاكىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئىزچىل سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ئۆتكەن ھەپتە پاكىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەيش بىر قېتىملىق تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە CNN نىڭ مۇخبىرى سورىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئالغا يەنە بىر قېتىم ئاشۇنداق مەۋھۇم شەكىلدە جاۋاب بەرگەن.
مۇخبىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ساھەنىڭ «ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ» دېگەن مەزمۇندا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «سىلەر نېمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە زۇۋان سۈرمەيسىلەر؟» دەپ سورىغان. شاھ مەھمۇد بولسا ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ھەمدە خىتاينى بۇ مەسىلىدە ئاشكارا ئەيىبلىيەلمەيدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن. شۇنىڭدەك بۇ مەسىلە توغرىسىدا «دىپلوماتىك يوللار» ئارقىلىق سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ھەممىلا ئىشنى ئاشكارا دەپ يۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. مۇخبىر «خىتاي ھازىر قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. سىلەر ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن بۇنى كۆرمەسكە سېلىۋاتامسىلەر؟» دېگەندە، شاھ مەھمۇد: «ھەممىلا ئىشنىڭ يولى بولىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالغىدەك دەرىجىدە ئەمەس،» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى كونتروللۇقى سەۋەبىدىن كۆپلىگەن ئىسلام دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىۋاتقان بولۇپ، پاكىستان ھۆكۈمىتى ئىزچىل «خىتاينىڭ ئەڭ يېقىن گۇپپاڭچىسى» دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. پاكىستان باش مىنستىرى ئىمران خانمۇ بىرنەچچە قېتىم بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى چەتكە ئالغان ئىدى.