قازاقىستانغا قېچىپ چىققان توققۇزتارالىق قازاق ئايال لاگېردىكى باسقۇنچىلىق ۋەقەسىنى ئاشكارىلىدى

2018‏-يىلى5‏-ئايدا قازاقىستانغا قېچىپ چىققان قايشە ئاقان ئىسىملىك توققۇزتارالىق بىر قازاق تىجارەتچى ئايال رادىئومىزدا ئۆزىنىڭ قازاقىستانغا قېچىپ چىقىشى ۋە توققۇزتارادىكى بىر قىزنىڭ لاگېردا باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

لاگېردا ئايال تۇتقۇنلارنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار بۇرۇن تارقالغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر ھېچكىم بۇنداق بىر ۋەقەگە ئاشكارا گۇۋاھلىق بېرىپ باقمىغان ئىدى. قايشە ئاقاننىڭ 21‏-سېنتەبىر كۈنى رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۇيغۇر ئىلى-قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا قاتناپ سودا قىلىدىغان تىجارەتچى بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن يىلى 5‏-ئاينىڭ 4‏-كۈنى يەرلىك ساقچىلار تەرىپىدىن سوراق قىلىنغان. ساقچىلار ئۇنىڭ پاسپورتىنى 3 كۈن ئىچىدە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. قايشە ئاقان رادىئومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا بۇنىڭ ئۆزىدە ئەندىشە قوزغىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بۇ 3 كۈن ئىچىدە قازاقىستانغا قېچىپ چىقىپ، پاناھلىق تىلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

قايشە ئاقاننىڭ بۇ ئىشلارنى نېمە ئۈچۈن بىر يىل 4 ئايدىن كېيىن ئاشكارىلىغانلىقى بىزگە نامەلۇم. ئەمما قازاقىستاندىكى «ئاتا يۇرت» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، قايشە ئاقان بۇ تەشكىلاتنىڭ ياردىمىدە ئۆتكەن ھەپتە ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشىنى ئاشكارىلاشنى قارار قىلغان ئىكەن. ئۇ رادىئومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا ئۆزىنىڭ دەھشەتلىك بىر تراگېدىيەگە شاھىت بولغانلىقى، ئۇ تونۇيدىغان كىچىك بىر قىزنىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەندە يېڭى تۇغۇلغان بىر بوۋاق بالىنى ئېلىپ چىققانلىقى، ھالبۇكى، ئۇنىڭ لاگېردا باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ، بۇ بوۋاققا ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ئاتايۇرت» تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە قايشە ئاقان قازاقىستاندا سىياسىي پاناھلىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن. قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى قايشە ئاقانغا ئوخشاش قازاقىستانغا قېچىپ چىققان سابىق لاگېر ئوقۇتقۇچىسى سايراگۈل سائۇتبايغا پاناھلىق بېرىشنى رەت قىلغان. سايراگۈل سائۇتبايغا بۇ يىل 6‏-ئايدا شۋېتسىيە پاناھلىق بەرگەن ئىدى.