شاھىتلار ئۇيغۇرشۇناش ئادرىيان زېنزنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتىنى دەلىللىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.10.19

ئۇيغۇر ئېلىدىكى شاھىتلار ئىتالىيەدىكى دىنىي ئەركىنلىك تورى «زىمىستان» غا گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئادرىيان زېنزنىڭ بالىلار لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە دائىر سانلىق مەلۇماتىنى دەلىللىگەن. «زىمىستان» تورىنىڭ 18-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر تورنىڭ مۇخبىرلىرى خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا ئاتا-ئانىسى تۇتقۇن قىلىنىپ، قارانچۇقسىز قالغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىتلارنى زىيارەت قىلغان. ئۇلار مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تۈرمىگە ئوخشاش ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئادرىيان زېنز يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ياتاقلىق بالىلار لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقنالىقى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ لاگېر، تۈرمىلەردە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ دوكلاتىدىكى سانلىق مەلۇماتلار خىتاي يەرلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھوججەتلىرىنى ئاساس قىلغان. ئادرىيان زېنز دوكلاتىدا يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئۆزىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالىنىڭ بالىلار لاگېرىدا ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«زىمىستان» تورىنىڭ تەكىتلىشىچە، روشەنگۇل ئىسىملىك بىر شاھىت ئايال 2017-يىلى چوڭ تۇتقۇن باشلانغاندا ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ساقچىخانىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى «زىمىستان» غا ئاشكارىلىغان. ئۇ، ئەر-ئايال ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ساقچىخانىغا تۇتۇپ كېلىنىپ، قانداق ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ قارانچۇقسىز پەرزەنتلىرىنىڭ ساقچىخانىدىكى بىر زالغا توپلىنىپ، بالىلار لاگېرلىرىغا يوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە، بۇ بالىلارنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقى ئېنىق ئەمەسلىكى، ئۇلارنىڭ شى جىنپىڭ تەرىپىدىن «يېڭى ئېرا» دەپ پەردەزلەنگەن بۇ سىستېمىنىڭ تاپىنى ئاستىدا غايىپ بولغانلىقى تەكتىلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.