26-مارت كۈنى، «شاھىت بىز» تورىنىڭ X دا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 2024-يىل 3-ئاينىڭ 27-كۈنىگە قەدەر بېرىلگەن گۇۋاھلىقلاردىن توپلانغان سانلىق مەلۇماتقا كۆرە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ تۇتۇپ، كېسىۋەتكەن ئادەم 1972 بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېشى 55 ياشتىن يۇقىرى ئىكەن. بۇ ئەلۋەتتە، گۇۋاھلىق ئارقىلىق كىملىكى ئېنىقلانغان شەخسلەر بولۇپ، 2017-يىلدىن كېيىنكى تۇتقۇندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن.
«شاھىت بىز» تورى X دە ئېلان قىلغان ئۇچۇردا، «يېشى چوڭ 1900 دىن ئارتۇق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ تۈرمىدە ‹جازا مۇددىتى› ئۆتەۋاتقانلىقى (ئۇنىڭ ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقى) خاتىرىلەندى» دېيىلگەن. ئاندىن ھۈسەيىن مەھمۇد ئىسىملىك، 60 ياشلىق بىر ئۇيغۇرنىڭ 2018-يىلدىن بېرى تۇتقۇندا ئىكەنلىكى، ئەمما قانچە يىللىق كېسىلگەنلىكىنىڭ نامەلۇم ئىكەنلىكى مىسال قىلىپ بېرىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، «شاھىت بىز» تورىدا 2017-يىل 1-ئايدىن باشلاپ تۇتۇلغانلارنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان شۇ شەخسلەر ھەققىدە بېرىلگەن گۇۋاھلىقلار، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاۋاز، سۈرەت ھەم قوشۇمچە ماتېرىياللارمۇ مەۋجۇت ئىكەن.