خىتاي ئادۋوكات خۇاڭپۇ دەرياسىدا ئېقىپ كەلگەن ئۆلۈك چوشقا ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.05.07

ئىككى ئاي ئىلگىرى شاڭخەيدە يۈز بەرگەن، نەچچە مىڭلىغان ئۆلۈك چۈشقىلارنىڭ خۇاڭپۇ دەرياسىدىن ئېقىپ كېلىش ۋەقەسى خىتاي تور بېكەتلىرىدە ھېلىمۇ مۇنازىرە تېمىسى بولماقتا.

يېقىندا لى جۈن ئىسىملىك بىر ئادۋوكات توردا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، دائىرىلەردىن ئۆزىنىڭ بۇ يىل 3 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شاڭخەي شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىغا يېزىلغان «ئۆلۈك چوشقىلارنىڭ خۇاڭپۇ دەرياسىدىن ئېقىپ كېلىش ۋەقەسىنى ئاممىغا ئاشكارىلاش تەلىپى» نىڭ نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە جاۋابسىز قالدۇرۇلغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلغان.

بۇ يىل 5 - مارت كۈنى خۇاڭپۇ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنغا جايلاشقان جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى چوشقا فېرمىلىرى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ئون نەچچە مىڭ چوشقىنىڭ ئۆلۈكى سۈزۈۋېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ۋەقەدىن كېيىنمۇ شاڭخەي شەھىرىدىكى ئىچىملىك سۇدا بۇلغىنىش كۆرۈلمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، پۇقرالارغا خۇاڭپۇ دەرياسىنىڭ سۈيى ئارقىلىق تەمىنلىنىدىغان ئىچىملىك سۇنى خاتىرجەم ئىستىمال قىلسا بولىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. ئەمما 4 - ئايدىن باشلاپ شاڭخەي قاتارلىق شەھەر، ئۆلكىلەردە تارقالغان خ7ن9 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى خەلقتە ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، خۇاڭپۇ دەرياسىدا بايقالغان ئۆلۈك چوشقىلارنىڭمۇ بۇ خىل زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن بولۇشى مۈمكىنلىكى ھەققىدە تۈرلۈك پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.