شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىدە «2024-يىللىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» مانىۋېرى ئۆتكۈزدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.07.23

خىتاي قوراللىق قىسمى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوراللىق كۈچلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئېلىدە «تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق—2024» ناملىق ھەربىي مانېۋىرنى باشلىغان.

«ئەزەربەيجان خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 23-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ھەربىي مانېۋىرنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكۈزۈش 2023-يىل 9-ئايدا قارار قىلىنغان. مانېۋىردا «تېررورلۇق شايكىلىرىنى تازىلاش ئالاھىدە ھەرىكىتى» ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن سۈرەتلىك خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ھەربىي مانېۋىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسەتلىرىدىن بىرى بولغان «شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ئېھتىياجىغا ئاساسەن پىلانلانغان بولۇپ، ئاساسلىق ۋەزىپىنى خىتاي تەرەپ ئۈستىگە ئالغان. سۈرەتلەردە، خىتاي تەشكىللىگەن قوراللىق ساقچىلارنىڭ قالقان ماشىنا، تىك ئۇچار ئايروپىلان، ئادەمسىز ئۇچقۇ (درون)، ھەتتا ماشىنا ئادەم بىلەن ئاتالمىش «تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىسى» غا تەقلىدىي ھۇجۇم قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ يىلتىزى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» دېگەن شوئار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت ئاھالىسىنى سولاپ قىيناپ، بەزىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، بەزىلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ كەلگەن. ئاندىن بۇنى خەلقئاراغا «بۈيۈك مۇۋەپپەقىيەت» سۈپىتىدە كۆرسىتىپ، «بۇ سىياسەت نەتىجىسىدە شىنجاڭدا تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بەرمىدى» دەپ تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقانىدى. ھالبۇكى، خىتاينىڭ بۇ قېتىم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى، بۇ مانېۋىردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە ئوخشايدىغان ئۆيلەرنى قورشاپ، تەقلىدىي ھۇجۇم قىلىشلىرى خىتاينىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ قارىلاشتىن يانمىغانلىقىنى، تەشۋىقاتلىرىنى خەلقئارا ۋەزىيەتكە بېقىپ خالىغانچە ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى، ھەر دائىم سۇيىقەست، يالغان ۋە ھىيلە-مىكىر بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.