12 - ئىيۇن كۈنى شاڭخەي شەھىرىدىكى پۇدوڭ ئايرودرومىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەنگلىيىنىڭ ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ شاڭخەيدە چىقىدىغان «ئەتىگەنلىك ئۇچۇر گېزىتى»نىڭ خەۋىرى ئاساسىدا قەيت قىلىشىچە، پارتلاش پۇدوڭ ئايرودرومىنىڭ ت2 ناملىق ھاۋا يولى بېكەتلىرى بىناسىنىڭ فىلىپپىن ۋە تايلاند ھاۋا يوللىرىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپانلىرىغا چىقىش ئۈچۈن رەسمىيەت بېجىرىش ئورنىدا يۈز بەرگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مەلۇم بىر كىشى ئېلىپ كىرگەن پوجاڭزا پارتلاپ كېتىپ، يېنىك يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار دەرھال بۇ جاينى كونترول قىلغان. ئەمما ئايروپىلانلارنىڭ نورمال ئۇچۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىمىغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، پۇدوڭ ئايرودرومىدا ئۆزى ياسىغان بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ يولۇچى يېنىك يارىلانغان. 30 ياشلاردىكى بىر كىشى ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان گۇماندار دەپ قارالغان، ئۇ ئۆزىنىڭ بوغۇزىغا پىچاق ئۇرۇپ ئېغىر يارىلانغان بولۇپ، دوختۇرلار ئۇنى قۇتۇلدۇرماقتا ئىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ساقچى تەرەپ بىر ئەر كىشىنىڭ پىۋا بوتۇلكىسى بىلەن ئۆزى ياسىغان پارتلاقۇچنى تىزىملاش ئۈستىلى بار جايغا تاشلىغانلىقى ۋە ئارقىدىن ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ بوينىغا پىچاق ئۇرغانلىقى ۋە يارىسىنىڭ ئېغىرلىقى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ جىددىي قۇتۇلدۇرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.