«شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى بۇ ھەپتە ئاخىرىدا ئېچىلماقچى
2018.06.07
رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى ئېچىلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا رايونىدا «رادىكاللىققا قارشى ئۇرۇش» نى كۈچەيتىشنى تەكىتلەيدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنى شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى خىتاينىڭ چېڭداۋ شەھىرىدە ئېچىلىدىكەن.
يىغىن باشلىنىشتىن ئاۋۋال خىتاينىڭ «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» خەۋەر بېرىپ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 2013-2017-يىللىرى ئارىسىدا قوراللىق تەشكىلاتلارغا ئائىت 500 دىن ئارتۇق ھەربىي بازىنى تارمار قىلىپ، خەلقئارالىق تېررور تەشكىلاتلىرىنىڭ 2000 دىن ئارتۇق ئادىمىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۆز خەۋىرىدە يەنە ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىدىن قايتقان قوراللىقلار بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ مۇھىم تېمىلىرىنىڭ بىرى دەپ كۆرسەتكەن.
رويتېرز ئاگېنتلىقى ئۆز خەۋىرىدە خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا «تېرورلۇق تەھدىتى» بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوندىكى باستۇرۇشلىرىدا روسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشغا ئېرىشپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىدە تەنقىتلەپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان.
خەۋەردە يەنە بۇ قېتىملىق يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە زەربە بېرىشنى تەكىتلەشنى ئالدىنقى پىلانغا قويسىمۇ، ئەمما باشقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا باشقا مۇھىم كۈنتەرتىپلىرى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ ئەزا دۆلەتلىرى ئارىسدا ئىختىلاپ مەۋجۇتلۇقى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ تېخى ھەممە دۆلەت ئورتاق ئېتىراپ قىلغان بىر دېپلوماتىك تىلدا بىرلىككە كېلىپ بولالمىغانلىقىنى بايان قىلغان.