شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇيغۇر رايونى چېگراسىدا يەنە تېررورلۇققا قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزدى
2017.06.28
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 27-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر رايونى بىلەن قىرغىزىستان چېگراسى ئارىسىدا ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى يەنە مانېۋىر ئۆتكۈزگەن.
مانېۋىرغا ئىككى تەرەپتىن 700گە يېقىن ئەسكەر قاتناشقان. مانېۋىردا ئۇيغۇر رايونىغا قىرغىزىستان چېگراسىدىن يوشۇرۇن قورال يۆتكەشنى توسۇش قاتارلىق 15 تۈرلۈك مەزمۇن بويىچە مەشىق ئېلىپ بېرىلغان. مانېۋىر ئاخىرىدا دائىرىلەر بۇ مانېۋىرنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق ئىرادىسىنى نامايان قىلغانلىقىنى ۋە ئاتالمىش تېررورچىلارنى چۆچۈتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، «تەڭرىتاغ-3-2017 دەپ نام بېرىلگەن بۇ مانېۋىرنىڭ ئالدىنقى ئىككى قېتىملىقى 2006- ۋە 2011-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاي تەرىپىدىن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە قارشى خەلقئارادا كۈچ توپلاش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ۋە مۇشۇ يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالالمىغانلىقىنى، ئاجىزلاشتۇرالمىغانلىقىنى، ئەكسىچە 2013- ۋە 2014-يىللىرى زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تېخىمۇ شىددەتلەنگەن ۋە كېڭەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.