چېن چۇەنگو ۋە شۆھرەت زاكىر ش ھ ت دىكى دۆلەتلەرنىڭ چېگرا مۇداپىئە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەن
2017.06.29
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۇەنگو 26-ئىيۇن ئۈرۈمچىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (ش ھ ت) دىكى دۆلەتلەرنىڭ چېگرا مۇداپىئە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشۈپ، «3خىل كۈچلەر» گە زەربە بېرىشنى داۋاملىق ش ھ ت نىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا 6 دۆلەتنىڭ قىرغىزىستان-خىتاي تېررورلۇققا قارشى چېگرا مۇداپىئە مانېۋىرىغا قاتنىشىدىغان بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
خىتاي ئاخباراتىنىڭ خەۋەرلىرىدە، كۆرۈشۈشكە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. يىغىندا چېن چۇەنگو شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا قىلغان سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، « ‹3خىل كۈچلەر› گە قارشى تۇرۇش يەنىلا كۈرەشنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى. بىز بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى ش ھ ت خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسى قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.
ش ھ ت ئىلگىرى بەزى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار بۇ تەشكىلاتنى خىتاينىڭ بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ۋە دىنىي رادىكاللىققا بەرگەن بەرگەن مۈجمەل تەبىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا يانتاياق بولدى، دەپ تەنقىدلەپ كەلگەن ئىدى.
ئۈرۈمچىدىكى كۆرۈشۈش خىتاي بىلەن قىرغىزىستاننىڭ «تېررورلۇق» قا قارشى چېگرا مانېۋىرى باشلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان.
قىرغىز ۋە خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ 27-ئىيۇن ش ھ ت نىڭ نامىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تەڭرى تام -3» ناملىق مەزكۇر مانېۋىرىغا 700 ئادەم ئىشتىراك قىلغان.
مانېۋىرنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى خىتاي، رۇسىيە، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان قاتارلىق 6 دۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئە، ھەربىي، ج خ، ئىچكى ئىشلار ساھەسىدىكى ئەمەلدارلار تەكلىپ قىلغان بولۇپ، مانېۋىر ئۇيغۇر رايونىغا قورال-ياراق يۆتكەشكە قارشى تۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان ئىدى.