شاۋكەت مىرزىيويېف ئۆزبېكىستاننىڭ مۇتلەق ئالىي رەھبىرى بولالامدۇ

ئۆزبېكىستاننىڭ ئىسلام كەرىموفتىن كېيىنكى يېڭى پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيويېف ھاكىمىيەت بېشىغا چىققىنىغا بىر يىلدىن ئاشقاندا، خەلقئارا تاراتقۇلار ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ دۆلەتنىڭ مۇتلەق ئالىي رەھبىرىگە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

«ئازادلىق رادىيوسى» ئۆزبېك بۆلۈمىنىڭ تورىدا يېقىندا «شاۋكەت مىرزىيويېف قانداق قىلىپ ئۆزبېكىستاننىڭ مۇتلەق ئالىي رەھبىرىگە ئايلاندى» سەرلەۋھىلىك بىر ئۇزۇن خەۋەر ئانالىزى ئېلان قىلىنغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 31-يانۋار كۈنى پرېزىدېنت شاۋكەت مىرزىيويېف ئاخىرى كەرىموف دەۋرىدىن قەپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى مۇستەھكەم قوزۇق - ئۆزبېكىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رۇستەم ئىنايەتوفنى غۇلاتقان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ پرېزىدېنتلىق تەختىگە چىققاندىن بۇيان ئۆزىگە كېلىدىغان ئەڭ چوڭ تەھدىتنى تۈگىتىپ، ئۆزىنىڭ مۇتلەق ئالىي رەھبەرلىك ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىگەن.

مەلۇمكى، ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغان 25 يىل جەريانىدا «ئۆزبېكىستان» دېگەن سۆز بىلەن «پرېزىدېنت كەرىموف» دېگەن سۆز گويا مەنىداش سۆزدەك قوللىنىلغان. شاۋكەت مىرزىيويېف گەرچە كەرىموف دەۋرىدە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇزغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇمۇ بۇ دۆلەتتىكى باشقا بارلىق ئەمەلدارلارغا ئوخشاشلا كەرىموفنىڭ «كۆلەڭگىسى» بولۇپ كەلگەن.

كەرىموف ئۆلگەندە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىنايەتوف شاۋكەت مىرزىيويېفنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رىقابەتچىسى سۈپىتىدە ئۇنىڭ بىلەن پرېزىدېنتلىقنى تالاشقان. ھالبۇكى، شاۋكەت مىرزىيويېف مۇۋەققەت پرېزىدېنتلىق سالاھىيىتى بىلەن رەقىبلىرىنى بىر-بىرلەپ يېڭىپ، 2016-يىلى 9-ئايدا ئۆزبېكىستاننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى بولغان. شۇندىن كېيىن ئۇ كەرىموف جەمەتى بىلەن كەرىموف دەۋرىدە دۆلەتنىڭ مۇھىم ئورۇنلىرىغا قويۇلغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى ھوقۇقتىن چەتلەشتۈرگەن ۋە ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىنى بىر-بىرلەپ ئۆستۈرگەن.

مىرزايېف تەختكە چىققاندىن بۇيان ئۆزبېكىستاننىڭ كەرىموف دەۋرىدىكى ھاكىممۇتلەق سىياسىي ئاتموسفېراسىدا ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن. ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، دىنغا بولغان چەكلىمىلەرنى بوشىتىش، سىياسىي مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىش، چەتئەللەر، بولۇپمۇ قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يۇمشىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشكە باشلىغان. ھالبۇكى، خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر، گەرچە شاۋكەت مىرزىيويېف ئۆزبېكىستاندا ئىسلاھاتنى يولغا قويۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ دۆلەتتىكى مۇتلەق ئالىي رەھبەرگە ئايلىنىپ، سىياسىي رەقىبلىرىنى بىر-بىرلەپ تازىلىشى ئۆزبېكىستاننىڭ دېموكراتىيىلىشىشىگە تېخى ئۇزۇن بىر جەرياننىڭ بارلىقىدىن شەپە بەرمەكتە، دەپ قارىماقتا.