شايار ناھىيەسىدە غايەت زور نېفىت ۋە گاز زاپىسى بايقالدى

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 26-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي نېفىت-خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شايار ناھىيەسى تەۋەسىدە 100 مىليون توننا دەرىجىلىك غايەت زور نېفىت-تەبىئىي گاز رايونىنى بايقىغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شايار ناھىيىسىدىكى «شۈنبېي نېفىتلىكى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدىكى ئاساسلىق ئېنېرگىيە زاپىسى نۇقتىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

ئۇيغۇر دىيارى ئىزچىل ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئامبىرى» دەپ ئاتىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي سانائەت سىستېمىسىنىڭ جان تومۇرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېنېرگىيە بايلىقىغا ئېغىر دەرىجىدە تايىنىپ كەلمەكتە ئىكەن. يېقىنقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى قېزىش ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى جىددىيلەشتۈرىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ زور بىر قىسمى دەل مۇشۇ يول ئارقىلىق تولدۇرۇلماقتا ئىكەن.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ زور بىر قىسمى ھېلىھەم خىتايدىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىيىسىدە ياشاۋاتقان بولۇپ، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك ۋە ئىسسنىش چىقىملىرىغا قۇربى يەتمەيۋاتقانلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشۇ بايلىققا ئىگە بولۇش ئارزۇسىنى بۆشۈكىدىلا ئۇجۇقتۇرىۋېتىش ئۇرۇنىشى» دەپ چۈشەندۈرمەكتە.