ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى شېيىن (Shein) شىركىتىنى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغانلىقى بىلەن ئەيىبلىدى
2025.01.08
1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتى توردا مودا كىيىم-كېچەك سېتىش بىلەن داڭ چىقارغان شېيىن شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتىنى چاقىرىپ، بۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق خىتاي پاختىلىرىنى ئىشلەتكەن-ئىشلەتمىگەنلىكىنى سورىغان. ئەمما ئۇ ئادۋوكات بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان.
ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىدىن BBC، «مۇھاپىزەتچى» (The Guardian) قاتارلىقلارنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە پارلامېنتى تىجارەت ۋە تاشقى سودا كومىتېتى ئەزالىرى 7-يانۋار كۈنى شېيىن شىركىتىنىڭ ياۋروپادىكى باش ئىشتابىنىڭ ئادۋوكاتى جۇ يىنەندىن شېيىن كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن كەلگەن پاختىلارنى ئىشلىتىش مەسىلىسىنى سورىغاندا، جۇ يىنەن مال مەنبەسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. پارلامېنت ئەزالىرى ئۇنى «خۇپسەنلىك قىلدى» دەپ قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى چارلى ماينارد (Charlie Maynard) بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «سىياسەتچىلەر جۇ يىنەندىن ‹شېيىننىڭ ماللىرى خىتاي پاختىسىنى ئىشلىتەمدۇ؟› دەپ شۇنچە ئاددىي بىر سوئالنى سورىغان بولسىمۇ، ئۇ بىزگە ئۇدۇل، نەق جاۋابنى بەرمىدى، بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سالدى، قۇرۇق گەپ قىلدى، ھۆرمەتسىزلىك قىلدى، جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى، خۇپسەنلىك بىلەن گەپ يورغىلاتتى».
خەۋەردە دېيىلىشىچە، جۇ يىنەن ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئەڭ ئېغىر بولغان رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان «شىنجاڭ پاختىسى» ھەققىدىكى بىر ماتېرىيالنى تاپشۇرۇۋالغان ئىكەن. ئۇ بۇ ماتېرىيالنىڭ پەقەت ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەرىكىتى» تەشكىلاتى تەرىپىدىن رەتلەنگەنلىكىنى، شېيىن بىلەن بىرەر ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئېيتقان. ئۇ ھەتتا شېيىن شىركىتىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ پاي چېكى بازىرىغا كىرىشكە ھەقلىق شىركەت ئىكەنلىكىنى، ئەنگلىيەنىڭ زامانىۋى قۇللۇقنى چەكلەش نىزامنامىسىگە خىلاپ ھېچقانداق قىلمىشىنىڭ يوقلۇقىنى دەۋا قىلغان.
جۇ يىنەن يەنە ئەنگلىيە پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە، شېيىن شىركىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلىنغان ھەر قانداق شىركەت بىلەن توختاملاشمىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مال تەمىنلىگۈچى 140 شىركەتتىن قايسىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن چىققان پاختىلارنى چەكلىگەنلىكىنى دەپ بېرەلمىگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان شېيىن شىركىتىنىڭ ئەسلىدە نيۇ-يورك پاي چېكى بازىرىغا كىرىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئامېرىكادىكى سىياسەتچىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن، ئامالسىز لوندون پاي چېكى بازىرىغا كىرىشكە مەجبۇر بولغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.