خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىزدا ئۇزۇن مەنزىللىك ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئۇچۇرۇشى ياپونىيەنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.08.25

خىتاينىڭ ئۇزۇن مەنزىللىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى پەيشەنبە كۈنى ياپونىيە زېمىنىنىڭ يېنىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، بۇنىڭغا ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىنكاس قايتۇرۇپ، بېيجىڭنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىتسۇنورى ئونودېرا جۈمە كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا: «بۇ، خىتاي ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ بىزنىڭ خاتىرىمىزدە تۇنجى قېتىم بۇ يولدىن ئۇچۇپ ئۆتۈشىدۇر. بىز بۇنىڭغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق (خىتايغا) يەتكۈزدۇق» دېگەن. خىتاينىڭ 6 بومباردىمانچى ئايروپىلانى پەيشەنبە كۈنى شەرقىي دېڭىزنى بويلاپ ياپونيە زېمىنىنىڭ يېنىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن.

ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ياپونىيە ھاۋا بوشلۇقىغا كىرمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ شەرق دېڭىز ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ كەتكەن بۇنداق شارائىتتا ياپونىيە زېمىنىغا يېقىنلىشىشى ياپونىيەنى بىئارام قىلغان.

خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان تەيۋەن ۋە ياپونىيە كونتروللۇقىدىكى ئاراللارنىڭ ئەتراپىدا ئۇچۇش مانېۋىرى ئېلىپ بېرىشى ياپونىيەدىن باشقا تەيۋەننىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇ، خىتاي ھاۋا ئارمىيەسى بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئۆتكۈزگەن 3 كۈنلۈك مانېۋىرىدا ئارمىيەسىنى جىددىي ھالەتكە ئۆتكۈزگەن ئىدى. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى ياپونىيەنىڭ پىكرىنى رەت قىلىپ، بۇنىڭ بىر «نورمال» مانېۋىر ئىكەنلىكىنى ۋە ھېچكىم خىتاي ئايروپىلانلىرىنىڭ مانېۋىرىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى جۈمە كۈلنى ھاۋا ئارمىيە باياناتچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «قانداق قارشىلىققا ئۇچرىسۇن، خىتاي ھاۋا ئارمىيەسى ئۇچۇشىنى بۇرۇنقىدەك داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.