خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى «ئەمەلىيەت» نىڭ 1-يانۋاردىكى سانىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇلتۇر 27-ئۆكتەبىر خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-نۆۋەتلىك 6-ئومۇمىي يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىنىڭ تولۇق تېكىستى بېرىلدى.
شى جىنپىڭنىڭ نۇتقىدا تىلغا ئېلىنغان «جۇ يۇڭكاڭ، بۆ شىلەي، گو بوشيۇڭ، شۈ سەيخۇ، لىڭ جىخۇا قاتارلىقلار پەقەتلا ئىقتىسادىي جەھەتتە پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ قالماستىن، بەلكى سىياسىي جەھەتتە گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇپ، سۇيىقەست پىلانلىغان» دېگەن سۆزلىرى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 3-يانۋار ئېلان قىلغان «شى جىڭپىڭ كومپارتىيىنىڭ ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئالىي ئەمەلدارلىرىنىڭ سىياسىي سۇيىقەست پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى نۇتقىدا ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ جازالانغان بۇ بەش نەپەر ئەمەلدارنىڭ ئىلگىرىكى تەشۋىقاتلاردا بايان قىلىنغاندەك چىرىكلىك سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى خىتاي كومپارتىيىسى ئىچىدىكى ھوقۇق كۈرىشى سەۋەبىدىن جازالانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى» دېيىلدى.
ھالبۇكى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2013-يىلى «پارىخورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتى باشلىغاندىن بۇيان، چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى تاراتقۇلىرى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى، خىتايدا جازالانغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى جياڭ زېمىن گۇرۇھى بىلەن شى جىنپىڭ تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى سەۋەبىدىن جازالانغانلىقى» نى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى.