«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» نىڭ 2‏-تومى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.05.31

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2‏-تومى يېقىندا ئۇيغۇرچە، تىبەتچە، موڭغۇلچە، قازاقچە، كورېيەچىدىن ئىبارەت 5 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ بىرلا ۋاقىتتا تارقىتىلغان.

ئۇنىڭغا شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلى 8‏-ئايدىن 2017‏-يىلى 9‏-ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى سۆزى، سۆھبىتى، نۇتىقى، يوليورۇقى ۋە تەبرىك تېلېگراممىسى قاتارلىق 99 ماقالە 29 پارچە رەسىم كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتابنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى بىردەك چەكلىگەن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەقىبلەشنى يولغا قويغان بىر مەزگىلدە 5 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ كىتابنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشى بۇ رايونلاردا ئىدېئولوگىيەلىك كونتروللۇقنىڭ داۋاملىق كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى كۆرىستىدىكەن. شى جىنپىڭ 2016‏-يىلدىن باشلاپ كومپارتىيە ئىچىدىكى بەزى شوۋىنىست كادىر ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «2‏-ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى» تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇشقا باشلىغان. ئۇنىڭ سىياسىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ، «بۇ 1930‏-يىللاردىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ زور كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» دەپ تەكىتلەنگەنىدى. لېكىن، «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 31‏-ماي خەۋىرىدە بۇ كىتابتا «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىيات تومۇرى ۋە ئاساسلىق مەزمۇنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن» لىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ كىتاب مىللىي رايونلاردىكى «ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى ئېتىراپ قىلىشى، جۇڭخۇا مىللىتىنى ئېتىراپ قىلىشى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنى ئېتىراپ قىلىشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىىزىمنى ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدىكەن.» لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقىدەك كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارغا قامىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىشىدا شى جىنپىڭنىڭ ئېغىر جاۋابكارلىقى بار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.