شى جىڭپىڭنىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى ئاقلىشى خەلقئارا تاراتقۇلاردا كەڭ ئىنكاس قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە خىتاي باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى پۈتۈنلەي توغرا» دەپ ئاقلىشى نوپۇزلۇق خەلقئارا تاراتقۇلاردا كەڭ ئىنكاس قوزغىدى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ تەكىتلىشچىھە، «شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا كۈچلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىشى، ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى سىياسىي مېڭە يۇيۇش، دۆلەتنىڭ پىلانلىشىدا نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كونترول قىلىشتىن ئىبارەت قوش بىسلىق ئىستىراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتەلمىگەنلىكىنىڭ سىگنالى» ئىكەن.

«ۋول-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بۇ سۆزلەر شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇشنى، مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇش، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ھەرىكەتلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا قوللىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى، ھالبۇكى بۇ ھەرىكەتنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش، دەپ ئەيىبلەڭەنلىكى تەكىتلەنگەن. CNN نىڭ خەۋىرىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنغا خەلقئارا تەنقىد كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭ سىياسىتىنى توغرا» دەپ قارايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ سۈرەتلەشكە باشلىغانلىقى، بۇ ھەقتىكى دوكلاتلاردا دۆلەتنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغماس قىلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەڭەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئېچىلغان 3-قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا سۆز قىلىپ: «ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستىراتەگىيەسى پۈتۈنلەي توغرا» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ بۇ ئىستىراتېگىيەنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ بىر «سىياسىي ۋەزىپە» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.