شى جىنپىڭ خىتاينى پارچىلىغۇچىلارنى «كۇكۇم-تالقان قىلىنىدىغانلىقى» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى نېپالنى زىيارەت قىلغاندا تەيۋەن، تىبەت، ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭلۇقلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان ھەرقانداق كىشىنىڭ «كۇكۇم-تالقان قىلىنىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزلەرنى 3 مىليوندەك ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامالغان، خوڭكوڭدىكى خىتايغا قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى باستۇرۇلۇۋاتقان بىر مەزگىلدە نېپالدەك نۇرغۇن تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ پاناھگاھى بولغان بىر دۆلەتتە قىلىشى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ 13‏-ئۆكتەبىر كاتماندۇدا نېپال باش مىنىستىرى شارما ئولى بىلەن كۆرۈشكەندە «خىتاينى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان ھەرقانداق كىشى كۇكۇم-تالقان بولىدۇ. خىتاي خەلقى بۇ خىل ئۇرۇنۇشنى قوللىغان ھەرقانداق چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ئۇخلىماي چۈش كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئۇلارنىڭ سەمىگە سالىدۇ،» دېگەن.

شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى نېپالدىكى دالاي لاما تەرەپدارلىرىنى، تىبەت مۇساپىرلىرىنى ۋە لامالىرىنى كونترول قىلىش ھەققىدە نېپال دائىرىلىرىگە قاتتىق بېسىم ئىشلىتىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان. ھالبۇكى، نېپال باش مىنىستىرى شارما ئولى نېپالنىڭ «بىر جۇڭگو پرىنسىپى» نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە نېپالدا20 مىڭدەك تىبەت مۇساپىرى بار بولۇپ، ھەر يىلى 2500 دەك تىبەت مۇساپىرى نېپال ئارقىلىق چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈپ، ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدىكى تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانى تاۋاپ قىلىشقا بارىدىكەن.

شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى 2 كۈنلۈك زىيارىتىدە نېپال بىلەن تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان. ئىككى تەرەپ يەنە ئۆز ئارا تۇتقۇنلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە سۆزلەشكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى نېپال بىلەن تۇتقۇنلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن نېپال بۇ تەلەپنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.