خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئاخباراتچىلارنى كومپارتىيەنىڭ تەشۋىقاتچىسى بولۇشقا ئۈندىگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.11.09

خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، 8-نويابىر كۈنى خىتايدا «ئاخباراتچىلار بايرىمى» تەبرىكلەنگەن بولۇپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاخباراتچىلارغا تەبرىك خېتى ئەۋەتكەن. ئۇ تەبرىك خېتىدە «بارلىق ئاخباراتچىلار ئۇلۇغ دەۋر ياڭراتقان ئالغا ئىلگىرىلەش زەپەر مارشىغا جۆر بولۇشى ۋە ئۇنى تەشۋىق قىژىشقا تەييار تۇرۇشى كېرەك،» دېگەن.

قىزىقارلىقى شۇكى، مەزكۇر «ئاخباراتچىلار بايرىمى» ئاخبارات-ئۇچۇر ئەركىنلىكى قاتتىق قامال قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ داغدۇغا بىلەن كۈتۈۋېلىنغان. بۇ ھەقتە ئېچىلغان يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن سۆز قىلىپ، «ئاخبارات خىزمەتچىلىرى سىياسىي تونۇشىنى كۈچەيتىشى، پارتىيەنىڭ ئاخبارات خىزمىتىگە سادىق بولۇپ، پارتىيەنىڭ جامائەت پىكرى خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ۋە بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك،» دېگەن. ئۇ يەنە ئاخبارات خادىملىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا پارتىيەنىڭ تەشۋىقاتچىسى بولۇشقا چاقىرىپ، «ئاخباراتچىلار پارتىيەنىڭ سىياسەت، تەشەببۇسلىرىنىڭ تارقاتقۇچىسى، دەۋر روھىنىڭ خاتىرىلىگۈچىسى بولۇشى كېرەك،» دېگەن.

خىتاي، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان دۆلەت، دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ تەختكە چىققان 5 يىل مابەينىدە بۇ ساھەدىكى چېكىنىش ئىنتايىن زور بولغان.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىر بارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئۇلارنى پەقەت كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈمەكتە ھەمدە «خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ئاتموسفېراسى مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىن پەرقسىز بولماقتا،» دەپ كۆرسەتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.