شى جىنپىڭنىڭ «خوڭكوڭ ۋە شىنجاڭ ھەققىدىكى يېڭى قارىشى» كەڭ تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىدى
2023.01.03
2-يانۋار كۈنى خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى شى جىنپىڭنىڭ 2023-يىلى ھەققىدىكى «يېڭى ئۈمىدلىرى» قاتارىدا ئۇنىڭ خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا بارغاندا سۆزلىگەن سۆزلىرىنى توپلاپ ئېلان قىلغان. شۇنىڭدەك بۇنىڭغا «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خوڭكوڭ ۋە شىنجاڭ ھەققىدىكى يېڭى قارىشى» دەپ ماۋزۇ قويغان.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئېلان قىلغان قىسقا ۋىدىيودا شى جىنپىڭنىڭ خوڭكوڭدىكى خىزمەت زىيارىتى جەريانىدا سۆزلىگەن سۆزلىرى قاتارىدا «خوڭكوڭ ھازىر قالايمىقانچىلىققا خاتىمە بېرىپ پارلاق كەلگۈسىگە يۈزلەنمەكتە» دېگەنلىكى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى تەلەپ قىلىش نامايىشىنىڭ زورلۇق كۈچى بىلەن باستۇرۇلۇشى پەردازلاپ كۆرسىتىلگەن. شۇ قاتاردا ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى بۆلەكتە «مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق بولۇشى ھەمدە ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى» مەخسۇس تەكىتلەنگەن. بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقان تۈرلۈك سىياسەت ۋە تەدبىرلىرىنىڭ مۇشۇ يوسۇندا داۋام بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىلگەن.
ھالبۇكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى 2022-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىلمىشلىرى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ تەسۋىرلەنگەنىدى.