خىتاي كوممۇنىست دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياش ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتچىلىرىنىڭ «كاللىسىنى شى جىنپىڭ ئىدىيىسى بىلەن قوراللاندۇرۇپ»، ئۇيغۇر رايونىنى ئىدارە قىلىشتىكى «كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتچى ۋە ئەقلى قوللىغۇچى بولۇشى» نى تەلەپ قىلدى.
چېن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كوممۇنىستىك پارتىيە دائىمىي كومىتېتى ۋە تەشۋىقات بۆلۈمى 16-دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاچقان ياش ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتچىلىرى مۇنبىرى پائالىيىتىدە بۇ تەلەپنى تەكىتلىگەن.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىن بىردەك ھالدا ھەر مىللەت ياش ئىجتىمائىي پەن خادىملىرىنى «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت باش نىشاندىكى كۈچلۈك كۈچ بولۇش» قا چاقىرغان.
يىغىندا 280 پارچە ماقالە ئوقۇلغان بولۇپ، گەرچە بۇ ماقالىلەرنىڭ كەسپى ۋە مەزمۇن دائىرىسى ئاخباراتقا ئايدىڭ بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ خىلدىكى يىغىنلاردىن خەۋەردار بىر ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇتلەق كۆپ قىسىم ماقالىلەرنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش ۋە شى جىنپىڭ ئىدىيىسى تەشۋىقاتى تېمىسى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەنلىكى روشەن.
چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەندىن بۇيان، ئۇيغۇر دىيارىدا «مۇقىملىقنى قوغداش»، «ئىككى يۈزلىمىچىلىككە زەربە بېرىش» نامىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەرنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم زەربە بېرىش ساھەسى بولغانلىقى ئىنكاسلار ۋە خەۋەرلەردىن مەلۇم بولماقتا. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارى تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تارىخى مەسىلىلىرىگە قارىتا سېنزورنى كۈچەيتىپ، ئىلگىرى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان بىر قىسىم تارىخى ئەسلىمىلەر، رومانلار ۋە باشقىلارنى يىغىۋېلىش، قۇرئان ۋە باشقا دىنى مەزمۇندىكى كىتابلارنى يىغىش ھەم چەك قويۇش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغان.
ئامېرىكىدىكى مەزكۇر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىجتىمائىي پەن ۋە ئەدەبىيات سەنئەت ساھەسىدىكى بىر قىسىم تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئەدىبلىرى، شائىرلىرى، سەنئەتكارلىرى، مەسىلەن داڭلىق ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھېيت ۋە باشقىلار نازارەت ھەم قاماققا ئېلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى يەنە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئاتالمىش كونا تەشۋىقات - «پانتۈركىزم ۋە پان ئىسلامىزم» غا قارشى كۈرەش قىلىشنى قايتىدىن كۈچەيتمەكتە ئىكەن.