ئامېرىكا شىمالى كورېيەگە قارشى يەنە بىر ئاۋىئاماتكىسىنى ئاتلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.05.29

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى شىمالى كورېيەنىڭ يادرو سىناقلىرىنى چەكلەشنى نىشان قىلىپ، ئۆزىنىڭ يەنە بىر ئاۋىئاماتكىسىنى غەربىي تىنچ ئوكيان رايونىغا ئاتلاندۇرغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «نىمىتس»دەپ ئاتالغان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاۋىئاماتكىلىرىدىن بىرى كورېيە يېرىم ئارىلى يېنىدىكى دېڭىز رايونىغا ئاتلاندۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى «كارىل ۋىنسون»، «رونالد رېگان» ئاۋىئاماتكىلىرى غەربىي تىنچ ئوكياندىكى كۆزلىگەن جايغا يېتىپ كەلگەن ئىدى. شۇنىڭدەك مەزكۇر ئۈچ چوڭ ئاۋىئاتماتكا ئوخشاش رايونغا ئورۇنلاشتۇرىلىدىكەن.

مەلۇمكى، يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان شىمالى كورېيەنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى ۋە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماستىن ئۆزىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى ۋە يادرو پروگراممىلىرىنى كۈچەيتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان شۇنىڭدەك پرېزىدېنت ترامپ پىيوڭياڭغا ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ كەلگەن ئىدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ «گ-7»، يەنى «يەتتە دۆلەت گۇرۇھى»غا ئەزاغا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى جەريانىدا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بىلەن يانمۇ يان ئولتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ «شىمالى كورېيە مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققىتىنى بۆلىدىغانلىقى»نى تەكىتلىگەن ئىدى.شۇ كۈنى ئاق ساراي يەنە ئامېرىكا ۋە ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ شىمالى كورېيەگە قارشى ئىمبارگونى كۈچەيتىشكە پۈتۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىيوڭياڭ تېخى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى، 21-ماي كۈنى يەنە بىر قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.