ب د ت خىتاينىڭ شىمالىي كورىيەلىك مۇساپىرلارنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى
2013.05.31
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارىياتى ۋە مۇساپىرلار ئورگىنى جۈمە كۈنى خىتاي بىلەن لائوسنىڭ 9 نەپەر شىمالىي كورىيەلىك مۇساپىر ياشنى دۆلىتىگە مەجبۇرى قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى تەنقىدلەپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ب د د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ باياناتچىسى روبېرت كولۋېل: بىز 5 نەپەر كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ بىر ئوچۇم كىشىنىڭ قوغداشقا ئېرىشىشىدىن پەۋقۇلئاددە ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ قاتتىق جازالىنىش ۋە قوپال مۇئامىلىگە ئۇچراش خەۋپى بار. دېگەن. لائوس دائىرىلىرى بۇنىڭدىن 3 ھەپتە ئاۋۋال يۇقىرىقى 9 نەپەر شىمالىي كورېيە مۇساپىرىنى تۇتۇپ، ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. خىتاي ئۇلارنى شىمالىي كورىيەگە قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى.
روبېرت كولۋېل جەنۋەدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا يەنە: بىز لائوس ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇساپىرلارنى قايتۇرماسلىق مەسئۇلىيىتىدىن ۋاز كېچىشتەك بۇ ئەھۋالدىن چۆچۈدۇق. دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي شىمالىي كورېيە مۇساپىرلىرىنىڭ جەنۇبىي كورىيەگە قاچىدىغان مۇھىم ئۆتكىلى. ئۇلار خىتاي ئارقىلىق شەرقىي -جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە ئۆتۈپ، ئۇ يەردىن جەنۇبىي كورىيەگە باراتتى.
روبېرت كولۋېل، خىتاي ۋە لائوس دانىلىرىنى 9 نەپەر شىمالىي كورىيەلىك مۇساپىرنىڭ ئاقىۋىتى ۋە ئۇلارنىڭ قانداق شەرت ئاستىدا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئاشكارىلاشقا چاقىرغان. بۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تۇنجى قېتىم مۇساپىرلارنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ تەنقىدكە ئۇچرىشى ئەمەس.
2009-يىلى 12-ئايدا كامبودژا 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان. كامبودژانىڭ ھەرىكىتى ئامېرىكا ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.