كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «شىنجاڭ ئاليۇمىنى» مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلغان.
10-ئىيۇل كۈنى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئوبزوردا، «شىنجاڭ ئاليۇمىن سانائىتى» نى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرگۈزۈشى، خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك پىروگراممىسىغا تەسىر كۆرسىتىشتە ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئوبزوردا قەيت قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش بىرلەشمىسىنىڭ بېكىتىپ چىققان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق 17 دىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىنىمۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرگۈزۈشى كېرەك ئىكەن.
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللىغان خىزمەت دوكلاتىدا، «شىنجاڭ ئاليۇمىنى» مەھسۇلاتلىرىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئىجرائاتىدىكى نۇقتىلىق تەقىب قىلىنىدىغان ساھەلەرنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشى زۆرۈر ئىكەن. بۇ چاقىرىق ئادرىيان زېنزگە ئوخشاش تەتقىقاتچىلار، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك پىروگراممىسىنىڭ تېخىمۇ كۆلەملەشكەنلىكى ۋە سىستېمىلاشقانلىقىنى قەيت قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ چاقىرىقىدا قەيت قىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دىققەت قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، دىققىتىنى خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا تاموژنا قويۇشتەك ئىقتىسادىي تەدبىرلەرگە قارىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىندا قوبۇل قىلىنغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش بەلگىلىمىسى ئۇنىڭغا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كىشىلىك ھوقۇق ئاساسىدا بىر تەرەپ قىلىش پۇرسىتى سۇنماقتا ئىكەن.