خىتاي مۇسۇلمان دۆلەتلەردە «شىنجاڭ ھېكايىسى» نى تەشۋىق قىلىشنى زور كۈچ بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا
2025.01.07
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كارنىيى بولغان «شىنخۇا تورى» نىڭ يېقىنقى خەۋىرىدە مىسىر «ئوتتۇرا شەرق خەۋەر ئاگېنتلىقى» (MENA)نىڭ مەسلىھەتچىسى، ئىنگلىزچە خەۋەرلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەمجەد شەۋقى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن زىيارەت مەزمۇنى بېرىلگەن. ئەمجەد شەۋقى خىتاي مۇخبىرىغا بەرگەن جاۋابىدا «شىنجاڭدىكى تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە ئىناقلىق كەيپىياتى كىشىنى جەلپ قىلىدىكەن، مانا بۇلار بۇ جاينىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ» دېگەن ھەمدە غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ رايون ھەققىدىكى خەۋەرلىرىنى يالغانغا چىقارغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئەمجەد شەۋقى 2024-يىل 10-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن «6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار مۇھاكىمە مۇنبىرى» يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەندە ئۇيغۇر ئېلىنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغان؛ «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى» نى كۆزدىن كەچۈرۈپ، «1000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىغان، سىنىپ، ياتاق، كۇتۇپخانا ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان بۇ مەكتەپ» تىن چوڭقۇر تەسىرات ئالغانلىقىنى بايان قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئەرەب-ئىسلام ئەللىرىدە ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان ئىسلام تەشكىلاتلىرى ۋە تاراتقۇ-تەشۋىقات مەسئۇللىرىنى كۆپ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىگە ئاپىرىپ زىيارەت قىلدۇرغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
ئامېرىكانىڭ ئاقىللار مەركىزىدىن «كاتو ئىنستىتۇتى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مۇستافا ئاقيول بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ بۇ ئىشتا ئۆزىگە ئوخشاش مۇستەبىت دۆلەتلەرگە خاس ئۇستىلىق بىلەن ئويۇن ئويناپ، بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنسا، بىر ياقتىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىپ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا پۈتۈنلەي باشقا يۈزىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.