خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تەييارلانماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013-08-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ۋە شىنجاڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم سىنىپلىرىغا جەمئىي 12 مىڭ 422 نەپەر يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان. بۇ يېڭى ئوقۇغۇچىلار 23-ئاۋغۇست كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى ۋە سانجى شەھەرلىرىگە يىغىلىپ تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، ئىككى كۈنلۈك تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتناشتۇرۇلغان.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ كۆپەيتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر پىلانغا ئاساسەن، بۇ يىل شەندۇڭ جىنىڭ شەھىرىدە يەنە بىر شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىنىپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى تەسىس قىلىنغان شەھەرلەرنىڭ سانى 45 گە يەتكۈزۈلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى 2000-يىلىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئېلىگە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەپ بېرىش نامى ئاستىدا قۇرغان شىنجاڭ سىنىپلىرى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغاپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپقا مەبلەغ سېلىش ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش شارائىتلىرىنى ياخشىلاش ئارقىلىقمۇ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مەقسىتىگە تېخىمۇ ئاسان يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەردىكى ئەسلى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 9122 نەپەرگە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلاردا ئوقۇۋاتقان ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سانى بولسا 31 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ھازىرغىچە بۇ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇغان ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سانى 60 مىڭ 400 نەپەرگە يەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت