كەلگۈسى بىرقانچە كۈندە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى كۈچلۈك سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن


ئىگىلىنىشىچە، خىتاينىڭ چاغان بايرىمى ئاخىرلىشىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي ۋە شەرقىدىكى رايونلار كۈچلۈك سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن.

خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 4-فېۋارالدىن باشلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە كەڭ كۆلەمدە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش، قار يېغىش ۋە شىۋىرغانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، سوغۇق ھاۋا تەسىرىدىن قاتناش-تىرانسپورتى بىرقەدەر زور تەسىرگە ئۇچرايدىكەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي رايونلىرىدا قار شىۋىرغانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ، قاتناش توختاپ قېلىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىشى مۇمكىنكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا قارىغاندا، قار توختىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا تېمپېراتورا سەككىز سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلەيدىكەن.

ئۈرۈمچى رايونىمۇ بۇ قېتىملىق سوغۇق ھاۋانىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن. 4-فېۋرال كېچىدىن باشلاپ، تېمپېراتۇرا بىراقلا تۆۋەنلەپ، مەركىزىي شەھەر رايونىنىڭ تېمپېراتورىسى نۆلدىن تۆۋەن 18 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىشى مۇمكىن ئىكەن.