شۆھرەت زاكىرنىڭ قۇرۇق شوئارى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى تەرەققىي قىلدۇرالامدۇ؟

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 28-ئىيۇن كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مائارىپ يېتەكچى ئىدىيەسىنى قورال قىلىپ، «ئىككىدە بىرىنچى قاتارغا ئۆتۈش» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان «ئىككىدە بىرىنچى قاتارغا ئۆتۈش» قۇرۇلۇشى، «بىرىنچى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپ، بىرىنچى قاتاردىكى ئىلىم-پەن» قۇرۇلۇشى بولۇپ، خىتاينىڭ كەلگۈسى يۈز يىلدا دۇنيادا ئىلىم-پەن ساھەسىدە بىرىنچى قاتارغا ئۆتۈش ۋە خىتاي ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بىرىنچى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپ، بىرىنچى قاتاردىكى ئىلىم-پەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمى، چىرىكلەشكەن جەمئىيىتى ۋە قۇرۇق شوئارى بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ، بەلكى دېموكراتىك، ئەركىن، ساغلام جەمئىيەتتە ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، شۆھرەت زاكىر تەكىتلىگەن شى جىنپىڭ ئىدىيەسى ۋە كومپارىيەنىڭ يېتەكچى مائارىپ ئىدىيەسى ئۇلار ئۆزلىرى دەۋاتقان «ئىككىدە بىرىنچى قاتارغا ئۆتۈش» قۇرۇلۇشىغا تامامەن زىت بولۇپ، ئۇ خىل ئىدىيە بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى گۈللەندۈرۈش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، بەلكى ئۇنى سېپى ئۆزىدىن پارتىيە مەكتىپى قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدىكەن.