سچۋەننىڭ ئابا ناھىيەسىدە 10 نەپەر تىبەت راھىبى 5 يىلدىن 14 يىلغىچە قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.12.11


12-ئاينىڭ 6-كۈنى سىچۋەن ئۆلكىسىنىڭ ئابا تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا سوتى 10 نەپەر تىبەت راھىبىنى سوتلىغان بولۇپ، ئۇلارغا 5 يىلدىن 14 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى مەلۇم.

رادىيومىزنىڭ خىتايچە بۆلۈمى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بۇ 10 نەپەر تىبەت راھىب دالاي لامانىڭ 80 ياشقا تولغانلىقىنى تەبرىكلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆتكەن يىلى تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ 10 نەپەر مەھبۇسنىڭ كۆپىنچىسىگە سىياسىي جىنايەت ئارتىلغان ئىكەن.

دارامسالادىكى گولدېن ئىبادەتخانىسىنىڭ تىبەتتىكى جىددىي ئەھۋاللارنى كۈزىتىش گۇرۇپپىسى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا خىتايدا سوتلانغان 10 نەپەر تىبەت راھىبىنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى نارازلىق نامايىشى ياكى ھەرىكەتلەرگە قاتناشقانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى دالاي لامانىڭ 80 ياشقا تولغانلىقىنى تەبرىكلىگەنلىكى ئۈچۈنلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان 10 نەپەر تىبەت مەھبۇس ئىچىدە 4 نەپىرى ئابا ناھىيەسىدىكى گولدېن ئىبادەتخانىسىنىڭ راھىبلىرى، 6 نەپىرى چارۋىچى تىبەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر نەپىرى ئايال ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئابا ناھىيەسىنىڭ چوڭ تىبەت چەمبىرىكى ئىچىدىكى ئەڭ سەزگۈر رايون ئىكەنلىكىنى، تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈش ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ ئابا رايونىدىن باشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.