خىتايچە بوشۆن تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 16 - مارت كۈنى سىچۈەننىڭ لياڭجۇڭ شەھىرىدە ئوچۇق مەيدان سوتى ئېچىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلدى دەپ ئەيىبلەنگەن 4 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان. سۈرەتلىك ھالدا بېرىلگەن بۇ ئوچۇق مەيدان سوتىنىڭ خەۋىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ تېز دىققىتىنى تارتتى. خەۋەرگە يېزىلغان ئىنكاسلاردا سوت شەكلىنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىگە ئائىت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، مەزكۇر سوت دائىرىلىرى ۋە شەھەر باشلىقلىرىنىڭ بۇ قانۇنسىز ۋە مەدەنىيەتسىز قىلمىشى سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.
مەلۇم بولۇشىچە بۇ ئوچۇق مەيدان سوتىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئېچىلىشىدۇر، ئەمما ئۇيغۇر رايونىدا 2014 - يىلى 6 - ئايدا باشلانغان بىر يىل قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىدا، پۈتۈن ناھىيەلەردە ئارقا - ئارىقىدىن ئوچۇق مەيدان سوتلىرى ئېچىلغان، سوتلارغا تەۋەلىكتىكى 10 مىڭلارچە كىشى مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلغان؛ مەھكۇملار سوت مەيدانىغا چىقىشتىن ئاۋۋال كوچا ئايلاندۇرۇلۇپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تەھىت سېلىنغان ئىدى. ئەمما بۇ ئەھۋال، خىتاي ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى مەيلى دائىرىلەر، مەيلى ئاخبارات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ھېچقانداق تەنقىدكە ئۇچرىمىغان، ئەكسىچە نورمال بىر قانۇنىي تەرتىپ سۈپىتىدە خەۋەر قىلىنغان ئىدى.