ئۇيغۇر ئېلىدە «شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش» تېمىسىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي دولقۇن كۆتۈرۈلگەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش» تېمىسىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي دولقۇن كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

تەڭرىتاغ تورى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا تارقىتىلغان خەۋەرلەردىن قارىغاندا، 4-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەخسۇس «پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنى» نىڭ روھىنى ئۆگىنىش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، خەۋەردىن قارىغاندا يىغىندا يەنە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك» دېگەنلەر تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، لاگېر تۈزۈمى ۋە شۇنداقلا خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلارغا قاراتقان زورلۇق-زومبۇلۇقى سەۋەبلىك خەلقئارادا كۈچلۈك تەنقىدلەرگە ئۇچرىماقتا. يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىگە قاراتقان تەنقىدلىرىنى قاتتىق كۈچەيتىپ، خىتاينى تىزگىنلەشنى دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زۆرۈر، دەپ كۆرسەتكەنىدى. دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىن ۋە ئۇنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش يىغىنلىرىنى چاقىرىپ، ھەدەپ پارتىيە بىلەن ئىدىيەدە ۋە پىكىردە بىردەكلىكنى ساقلاشنى تەكىتلىشى دىققەت قوزغايدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىدىكىدەك «پارتىيە 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، شى جىنپىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش» يىغىنلىرى خىتاي خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق قىسىملىرىدا ۋە شۇنداقلا ھەرقايسى ۋىلايەت-ناھىيەلەردە ئايرىم-ئايرىم ئومۇملاشتۇرۇلغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە «-4ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كەڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر بەس-بەستە تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، سادىقلىق بىلەن چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش. . . ھەققىدە قەسەم بەردى» دېيىلگەن. ئاقسۇ ئاخبارات تورىدا بۇ ھەقتە تارقىتىلغان خەۋەردە بولسا «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ پارتىيەنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، قىزىل گېننى ‹قان تومۇر› غا سىڭدۈرۈش كېرەك» دېگەن شوئار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.