ئىقتىسادشۇناس مارشال ئارباك خىتاينىڭ سودا ئۇرۇشىدا ئۇتتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

بۈگۈن «ئاسىيا ۋاقتى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلغان ئىقتىسادشۇناس مارشال ئارباك (Marshal Auerback) نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان سودا ئۇرۇشىدا خىتاينىڭ ئۇتتۇرۇۋەتكەن تەرەپ بولۇپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ماقالىدا دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىللىق 3‏-پەسىلدىكى ئىقتىسادىي يۈكسىلىش نىسبىتى 6.5 پىرسەنت بولغان بولۇپ، 2017‏-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن بالداققا چۈشكەن. ئامېرىكا ئىقتىسادى بولسا شىۋېتسارىيەدىكى بىر نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىلمىي باھالىشىدا قايتىدىن دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي رىقابەت ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان 10 دۆلەتنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ باھالانغان.

مارشال ئاربەكنىڭ بۈگۈنكى ماقالىسىدە ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ سان خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ ئۆزى ئېلان قىلغان سان بولۇپ، خىتاي تەرەپنىڭ ئىستاتېستىكا ئىشلىرىدا تەشۋىقاتچىلىق قىلىش، رەقەملەرنى ئۆزگەرتىش ئەنئەنىسى كۆزدە تۇتۇلىدىغان بولسا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىللىق يۈكسىلىش نىسبىتىدىكى ئەمەلىي رەقەم 6.5 پىرسەنتتىنمۇ تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئاپتور بۇ ماقالىسىدە خىتاي تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بىر قاتار تەدبىرلىرىنىڭ كارغا كەلمىگەنلىكىنى، ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا تەختتىن چۈشۈشىنى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا دېموكراتىك پارتىيەدىن بىرىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى ئىشارەتلىگەن.

ماقالىدا خىتاي تەرەپنىڭ پۇل قىممىتىنى داۋاملىق ھالدا مونوپول قىلىش، ئامېرىكىدىن مۇستەسنا بىر سودا ئىتتىپاقى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى سودا ئۇرۇشىدا غالىپ كەلمەكچى بولۇۋاتقانلىقى، ئەمما بۇنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان بىر لايىھە ئەمسەلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئاپتور ماقالىسىدە يەنە ئەگەر دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى نۆۋەتتىكى سودا ئۇرۇشىدا ئىقتىسادىي تەدبىرلىرىنى چەكتىن ئاشۇرۇۋەتسە، NATO ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى قاچۇرۇپ قويۇش ئېھتىمالىنىڭ تۇغۇلىدىغانلىقى، ئىقتىسادىي رىقابەتتە ئامېرىكىنىڭ «بىرىنچى» ئەمەس، بەلكى «يالغۇز» ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.