ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق سوغۇققا دۇچ كەلگەن
2017.01.21
بۇ يىل قىشتا دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدا بىنورمال تېمپېراتۇرا كۆرۈلۈپ، ھازىرغىچە سوغۇق چۈشمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ شىمالى ۋە سىبىرىيە ئەتراپىدىكى رايونلاردا يېقىنقى بىرقانچە كۈن ئىچىدە قاتتىق سوغۇق كۆرۈلمەكتە.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئالدىنقى بىرقانچە كۈندە بۇ يىل قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق سوغۇققا دۇچ كەلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 17-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 19 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ، پەۋقۇلئاددە قاتتىق سوغۇق بولغان. بۇ 3-چىللا ئاخىرلىشىپ، 4-چىللا كىرگەن تۇنجى كۈن بولۇپ، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «ئاچچىق سوغۇق» قا دائىر مەزمۇنلار تولۇپ كەتكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەلگۈسىدىكى بىرقانچە ھەپتە ئىچىدە ئۈرۈمچى رايونىدا تېمپېراتۇرە نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى بىر قىسىم رايونلاردىمۇ تېمپېراتۇرا بىراقلا تۆۋەنلەيدىكەن.