ۋىلسون مەركىزى ستالىننىڭ كورىيە مەسىلىسى بويىچە ماۋ زېدوڭغا ئەۋەتكەن سىفىرلىق مەخپىي تېلېگراممىسىنى ئاشكارا قىلدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-09-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا باش شىتابى ۋاشىنگتوندىكى ۋىلسون تەتقىقات مەركىزى يوسېف ستالىننىڭ 1950 - يىلى 4 - ئايدا كورىيە مەسىلىسى بويىچە ماۋ زېدوڭغا ئەۋەتكەن سىفىرلىق مەخپىي تېلېگراممىسىنى ئاشكارا قىلدى.

تېلېگرامما مەخپىي بولغانلىقى ئۈچۈن ستالىننىڭ ئىسمى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنماي، فىلىپپوف دېگەن نامدا ئەۋەتىلگەن. ستالىن ئەينى چاغدا شىمالىي كورىيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى كىم ئېرسىن تەرىپىدىن موسكۋاغا ئەۋەتىلگەن ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ماۋ زېدوڭغا بۇ سىفىرلىق تېلېگراممىنى ئەۋەتكەن. تېلېگراممىدا ستالىن ماۋ زېدوڭغا كۆرسەتمە بېرىپ، كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ مەسىلىسىنى چوقۇم خىتاي تەرەپ بىلەن كورىيە ۋەكىللىرى بىرلىكتە ھەل قىلىشى كېرەك، دېگەن.

مېزكۇر تېلېگرامما 1950 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ستالىن، ماۋ زېدوڭ ۋە شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم ئېرسىن ئارىسىدا كورىيە كىرىزىسى بويىچە يوللانغان كۆپلىگەن مەخپىي تېلېگراممىلارنىڭ بىرى بولۇپ، تارىخچىلار ئۇنى كورىيە ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك تارىخىي ھۆججەتلەرنىڭ بىرى دەپ ھېسابلىماقتا.

ئامېرىكىدىكى ۋىلسون مەركىزى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سوغۇق ئۇرۇش دەۋرى ھەمدە ئامېرىكا، سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاق ۋە خىتاينىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە كۆپلىگەن بىرىنچى قول ئارخىپ ماتېرىياللىرى ۋە تارىخىي ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىغا مۇناسىۋەتلىك ئارخىپلارمۇ بار بولۇپ، تارىچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت