تۈركىيە سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى سۇلايمان شاھ قەبرىسىنى كۆچۈرۈش ھەربىي ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.02.22


تۈركىيە قوشۇن ئەۋەتىپ سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاساسچىسى سۇلايمان شاھنىڭ قەبرىسىنى يۆتكىگەن بولۇپ، بۇ خەۋەر دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،سۈرىيە تۈركىيە تەرەپنىڭ قەبرىنى ۋە بۇ يەردىكى قاراۋۇللىرىنى يۆتكەش ھەرىكىتىنى «ئاشكارا تاجاۋۇزچىلىق» دەپ ئەيىبىلىگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، تۈركىيە باش مىنىستىرى داۋۇت ئوغلۇ تۈركىيە قوشۇنىنىڭ سۇلايمان شاھنىڭ قەبرىسىنى ۋە قەبىرىنى قوغداۋاتقان 40 نەپەر ھەربىي خادىمنى باشقا بىخەتەر جايغا يۆتكەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ھەرىكەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا 572 نەپەر ھەربىي خادىم قاتناشتۇرۇلغان.

تۈركىيە ترت رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرەپ بۇ قەبرىنى يۆتكەيدىغان ھەربىي خادىملار ئۈچۈن 50 تانكا ئاجراتقان ۋە كۈرەشچى ئايروپىلان چىقىرىپ، چارلاش ئېلىپ بارغان.

تۈركىيە تەرەپ مەزكۇر قەبرە يۆتكەش ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە خەلقارا قانۇنلارغا ئۇيغۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن، مەزكۇر ھەربىي ھەرىكەت 21 - فېۋرال باشلىنىپ،22 - فېۋرال كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندالغان.

مەزكۇر قەبرىگە يېقىن رايونلاردا كۇرتلار قوشۇنى بىلەن ئىسلام دۆلىتى ئارىسىدا توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا ئىدى.

سۇلايمان شاھ، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى، ۋە بىرىنچى پادىشاھى ئوسمان غازىنىڭ بوۋىسى بولۇپ، ئۇ،1178—1227 - يىللىرى ئارىسىدا ياشاپ ۋاپات بولغان. 1921 - يىلى ئەنقەرە ھۆكۈمىتى بىلە فرانسىيە ھۆكۈمىتى كېلىشىم تۈزگەندە مەزكۇر قەبرە بار جاي تۈركىيە زېمىنى سۈپتىدە ئېتىراپ قىلىنغان. 1923 - يىلى، قەبرە بار جايدا بايراق چىقىرىش ۋە قەبرىنى مەخسۇس ھۆرمەت قاراۋۇللىرى بىلەن قوغداش سالاھىيىتى بېرىلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.