خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىران سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكا سايلىمىغا تەسىر كۆرسەتمەكچى ئىكەن
2024.10.03
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 3-ئۆكتەبىر كۈنى يىللىق بىخەتەرلىك باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاي، رۇسىيە، ۋە ئىراننىڭ بۇ يىل 5-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا پىرېزىدېنت سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىش خەۋپىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، بۇ دۆلەتلەر ئامېرىكا سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىشتە سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ساختا ۋە بۆلگۈنچى ئۇچۇرلارنى تارقىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدىكەن. دوكلاتتا، خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ «ئاغدۇرمىچىلىق ۋاسىتىلىرى، ئاشكارا بولمىغان جىنايى ۋە زورلاش تاكتىكىلىرىنى قوللىنىپ، ئامېرىكانىڭ دېموكراتىك ئاپپاراتلىرىغا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىجتىمائىي ئىناقلىققا بولغان ئىشەنچىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش پۇرسىتىنى ئىزدەيدىغانلىقى» پەرەز قىلىنغان.
نۆۋەتتە، ئامېرىكانىڭ دېموكراتلار پارتىيەسى پىرېزىدېنت نامزاتى كالاما خاررىس بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى نامزاتى، سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئارىسىدا كەسكىن سايلام رىقابىتى داۋاملاشماقتا. بۇ ۋەزىيەت سايلىغۇچىلار ئارىسىدىكى بۆلۈنۈشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى، چەت ئەل رەقىبلىرىنىڭ ئامېرىكا دېموكراتىيە مۇساپىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا. ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ دوكلاتى بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئامېرىكادىكى «گرافىكا» ئاخبارات ئانالىزى شىركىتى 3-ئۆكتەبىر تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئامېرىكا سايلىغۇچىلىرىنى نىشان قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ سايلام ھارپىسىدا ئامېرىكا سىياسىيونلىرىنى چۈشۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.