ب د ت تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، سۈرىيەدە خىمىيىۋى قورال ئىشلىتىلگەنلىكى ھەققىدە «ئوچۇق ۋە ئىشەنچلىك پاكىتلا» غا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مۇھىت، خىمىيىۋى ۋە تېببىي ئۆرنەكلەردىن قارىغاندا 21-ئاۋغۇست كۈنى دەمەشقنىڭ گۇتا رايونىغا ئېتىلغان راكېتالارغا زەھەرلىك سارېن گازى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا 1400 دىن ئارتۇق كىشى زەھەرلىنىپ ئۆلگەن ئىدى. بىراق دوكلاتتا، زەھەرلىك گازنى كىمنىڭ ئىشلەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان-ئېلىنمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. چۈنكى دوكلاتنىڭ تولۇق تېكىستى تېخى ئېلان قىلىنمىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تەكشۈرگۈچى خادىملار، ئۇلاردىن پەقەت زەھەرلىك گاز ئىشلەتكەن-ئىشلەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش تەلەپ قىلىنغانلىقى، زەھەرلىك گازنى كىمنىڭ ئىشلەتكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىش تەلەپ قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئوباما ھۆكۈمىتى زەھەرلىك گازنى ئەسئەد ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق كۈچلەرنىڭ ئاتقانلىقىنى ئېلان قىلىپ، قولىدا كۈچلۈك دەلىل بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىراق ئەسەد ھۆكۈمىتى زەھەرلىك گاز ئىشلەتكەنلىكىنى رەت قىلىپ، جاۋابكارلىقنى ئىسيانچى كۈچلەرگە ئارتقان.
دۈشەنبە كۈنى، فىرانسىيە پرېزىدېنتى خوللاندې، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كەررىي ۋە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىللىام خېيگ بىلەن كۆرۈشكەندە سۈرىيەنى كاشىلا پەيدا قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ، ب د ت سۈرىيەدىكى خىمىيىۋى قوراللارنى يىغىلىۋېلىش ھەققىدە ئۈزۈل-كېسىل ۋە ئېنىق ۋاقىت جەدۋىلى بەلگىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.