ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشەر ئەسادنى ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ ئېلان قىلدى

ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ناۋى پىلاي، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىغا ئاساسەن سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشار ئەسادنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ب ب س نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى بەشەر ئەساد بىلەن بىرلىكتە يەنە سۈرىيە ھۆكۈمىتىدە نۆۋەتتە يۇقىرى دەرىجىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. ئەمما ناۋى پىلاي تىزىملىكتىكىلەردىن پەقەت بىر كىشىنىڭلا يەنى بەشەر ئەسادنىڭلا ئىسمىنى ئاشكارىلىغان.

ناۋى پىلاي بۇ ھەقتىكى سۆزىدە تىزىملىكتىكىلەرنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ھەققىدە قولىدا كۆپلىگەن پاكىتلار بارلىقىنى بايان قىلغان ۋە بۇنىڭ مىساللىرىدىن بىرى سۈپىتىدە، سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىسيانچىلارغا قارشى ھەرىكەت داۋامىدا ئاھالىلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى قارا-قويۇق بومباردىمان قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ناۋى پلاي يەنە، سۈرىيەگە ئالاقىدار ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى تىزىملىكىنى خەلقئارا سوت ياكى بىرەر دۆلەتلىك سوت تەلەپ قىلغان ئەھۋالدا سۇنىدىغانلىقىنى؛ ئەمما ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى رەسمىي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ۋە تەستىقىدىن ئۆتمىگىچە تىزىملىكنى ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.