سۈت پاراشوكى مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىككى يىغىنى مەزگىلىدە قايتا ئاخبارات تېمىسىغا ئايلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013-03-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

جۈمە كۈنىدىن ئېتىبارەن خوڭكوڭدا سۈت پاراشوكى چەكلىمىسى يولغا قويۇلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن سۈت پاراشوكى مەسىلىسى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئىستېمالچىلار ئارىسىدا ئەندىشە پەيدا قىلغان ھەم ئىككى يىغىندا مۇخبىرلىق قىلىۋاتقان ئاخباراتچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خوڭكوڭدا كىشىلەرنىڭ يېنىدا 1 كىلو 800 گرام يەنى ئىككى قۇتىدىن ئارتۇق سۈت پاراشوكىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشىگە يول قويۇلمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا 500 مىڭ سوم جەرىمانە قويۇلۇپ، ئىككى يىل مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

تۈزۈمنىڭ مانا مۇشۇنداق قاتتىق بولۇشىغا قارىماي خوڭكوڭ تاموژنىسى، جۈمە كۈنى مەزكۇر تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغان 45 كىشىنى تۇتقان. بۈگۈن چەتئەل مۇخبىرلىرى خىتاينىڭ سۈت پاراشوكى مەسىلىسى ھەققىدە سىياسىي كېڭەش يىغىن باياناتچىسىدىن سوئال سورىغان. يىغىن باياناتچىسى، خىتاينىڭ سۈت پاراشوكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ 99% ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى سۈي يۇڭيۈەن سىياسىي كېڭەش يىغىن باياناتچىسىنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى سۈت پاراشوكلىرىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. نۆۋەتتە بىر قىسىم خىتاي ۋە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتايدىكى سۈت پاراشوكى مەسىلىسىنىڭ يىلتىزى مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرە قىلىنماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت